ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئۇيغۇرسوفت ھاۋالىلىك توشۇش» باشقۇرۇش (بۇلۇت) دېتالى ئېلان قىلىندى

«ئۇيغۇرسوفت ھاۋالىلىك توشۇش» باشقۇرۇش (بۇلۇت) دېتالى ئېلان قىلىندى

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1317 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت ھاۋالىلىك توشۇش» باشقۇرۇش دېتالى ئېلان قىلىندى

مەزكۇر يۇمشاق دېتال مەلۇم بىر ئەسلىي ئورۇندىن مال تىزىملاش؛ ماشىنىغا بېسىش؛ توشۇش؛ ماشىنىدىن چۈشۈرۈش ۋە مال تارقىتىش؛ ئىستاتىستىكا؛،…قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇپ، خوتەن شەھىرى «*** ھاۋالىلىك توشۇش شىركىتى»نىڭ تەلىپى بويىچە ئىشلەندى. بۇ سىستېما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى شەھەر ياكى ناھىيەلەردىن مالنى ئۆز-ئارا ھاۋالىلىك توشۇيدىغان شىركەتلىرىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال ئۇزۇن يىللىق ھاۋالىلىك توشۇش ئىشلىرىغا پۇختا كەسپىي خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى ھاۋالىلىك توشۇشنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى ئۆرنەك ئېلىپ ياسالغان، نۆۋەتتە ئىچكى قىسىمدا سىناقتىن ئۆتۈپ، رەسمىي بازارغا سېلىندى. بۇ يۇمشاق دېتال 3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ، 9-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى خادىملارنىڭ يەنە بىر ئەمگەك مېۋىسىدۇر.

بۇ يۇمشاق دېتال پۈتۈنلەي بۇلۇت تېخنىكىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، يىللىق (بەلكىم نەچچە مىڭ يۈەنگە)، ئايلىق (بەلكىم نەچچە يۈز يۈەنگە) ياكى ئېقىم بويىچە (بەلكىم نەچچە يۈەنگە) سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، ئايرىم مۇلازىمىتېر سەپلەپ يۈرمەيسىز. پەقەت ئىنتېرنېتكە ئۇلىنىدىغان كومپيۇتېرىڭىز بولسىلا، بۇ سىستېمىنى ھەرقانداق جايدا بىمالال ئىشلىتەلەيسىز. قاچىلاپ ئىشلىتىش بەك ئاددىي بولۇپ، پەقەت بىر تال ھۆججەتنى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ. بارلىق مۇلازىمەتلەر بۇلۇتتىن كېلىدۇ.

بۇ دېتالغا ئېھتىياجلىق باشقا ئورۇنلارنىڭ بۇ دېتالنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن بىر قىسىم ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى يوللىدىم. بەزى ئۇچۇرلار خېرىدارلارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، غۇۋالاشتۇرۇلدى.


1. سىستېمىغا تىزىملاپ كىرىش


2. مال تىزىملاش


3. تالۇن بېسىش


4. تالۇن بېسىش


5. مالنى ماشىنىغا بېسىش


6. ماشىنىغا بېسىلغان ماللارنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاش


7. كەلگەن مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىش. ماشىنىدىن چۈشۈرۈش


8. كەلگەن مالنى تارقىتىش. تېلېفون نومۇرى، ئىسىم-فامىلىسى،….قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن ئىزدەشكە بولىدۇ


9. بۇزۇلغان ماللارنى قايتۇرۇش، تۆلەم تۆلەش،….دېگەندەك ئىقتىدارلىرى ئىنتايىن ئەتراپلىق لايىھەلەنگەن


10. كىرىمىڭىزنى كۈندىلىك، ھەپتىلىك، ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق ۋە خالىغان ۋاقىت بۆلىكى بويىچە تەكشۈرۈپ تۇرالايسىز.


11. ئىستاتىستىكا ئىقتىدارى ئىنتايىن تولۇق، ئېھتىياجىڭىزدىن چىقالايدۇ. خالىسىڭىز ھەتتا Excel غا ھۆججىتىگە چىقىرىپ بېرەلەيدۇ.


ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى بەلگىلەش ئىنتايىن تەپسىلىي
======================================
بۇ دېتالنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى مۇنداق:
XXX شىركىتى ئۈرۈمچى ۋە خوتەندە ھاۋالىلىك توشۇش تارماق شىركىتىنى قۇردى دەپ پەرەز قىلايلى: (1) ئۈرۈمچىدىن خوتەن شەھىرىگە مال سالىدىغان خېرىدارلار بۇ شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارماق شىركىتىگە بېرىپ، مالنى تاپشۇرىدۇ. شىركەت خادىملىرى مال ئەۋەتكۈچى ۋە تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى تىزىملاپ، مالنى تىزىملاپ تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ھەمدە خېرىدارغا ھۆججەت چىقىرىپ بېرىدۇ. (2) ئۈرۈمچىدىكى تارماق شىركەت خادىملىرى مال مىقدارى مۇئەييەن چەككە يەتكەندە ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان (ئەڭ مۇھىمى ئۆزى بىلەن توختام تۈزگەن) كىرا ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۇ ماللارنى ماشىنىغا باسىدۇ ھەمدە ماشىنىغا بېسىش ھەققىنى ئايرىم تاپشۇرىدۇ، شوپۇر مالنى خوتەن شەھىرىدىكى تارماق شىركىتىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن، خوتەندىكى تارماق شىركەت خادىملىرى مالنى ماشىنىدىن چۈشۈرىدۇ ۋە چۈشۈرۈش ھەققى ھېسابلىنىدۇ. ماللارنى ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتكەن تالۇن بويىچە سېلىشتۇرۇپ، جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن قارشى تەرەپكە كىرا ھەققىنى بېرىدۇ. (3) XXX شىركىتىنىڭ خوتەندىكى تارماق شىركىتى مال تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ تېلېفون نومۇرى بويىچە مال ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، مال ئىگىسى كىرا ھەققى ۋە باشقا ھەقلەرنى تاپشۇرۇپ، 2-ئەۋلاد كىملىكى بىلەن مالنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

جەريان مۇشۇنداق ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان يۇمشاق دېتالدا ئاللىبۇرۇن بىر تەرەپ قىلىنغان نۇرغۇن ئىشلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرنى سەپلەپ بېرىمىز، مال ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققاندا قارشى تەرەپكە مېلىڭىز يولغا چىقتى دەپ ئۇچۇر بېرىدىغان، قارشى تەرەپكە يېتىپ بارغاندا مال ئەۋەتكۈچىگە مېلىڭىز ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ باردى. قارشى تەرەپ مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ماڭغاندا، مال ئەۋەتكۈچىگە مېلىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدى دېگەندەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2-ئەۋلاد كىملىك ئوقۇغۇچ ئارقىلىق مال تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كومپيۇتېرغا خاتاسىز كىرگۈزۈش دېگەندەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈك ماشىنىلىرىغا GPS ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش ئارقىلىق شوپۇرنىڭ قايسى جايغا يېتىپ بارغانلىقىنى، مال تاپشۇرۇپ ئالغۇچىمۇ بۇ XXX شىركىتىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا تىزىملاتقاندىن كېيىن، تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق مالنىڭ قەيەرگە كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ؛ مالنىڭ ھەجىمى ۋە ئېغىرلىقى بويىچە 3 توننا ياكى 5 توننىلىق ماشىنىغا قانچىلىك مالنىڭ سىغىدىغانلىقىنى ھېسابلاش ئارقىلىق، ماللارنى ماشىنىغا لىپمۇلىق (ياكى بېلىق كۆزى) دەرىجىدە قاچىلاپ، كىرا ھەققىنى زور دەرىجىدە تېجەشكە بولىدۇ. خوجايىن يەنە سىنكۆز ئارقىلىق تارماق شىركەتلىرىنى خالىغانچە كۆزىتەلەيدۇ؛ مال A ئۇرۇندىن يولغا چىقىپ، B ئورۇندا چۈشۈپ قېلىپ، C غا ماڭىدىغان (يەنى ئارىلىقتا بېكەت ئالمىشىدىغان) ئىشلارنىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ؛ سانداننى كېڭەيتىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا كېڭەيتىشكە بولىدۇ. ئېھتىياجىڭىز قانچىلىك بولسا، ئەڭ زور دەرىجىدە ياساپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

ئىزاھات: يۇقىرىدىكى ئېكران كۆرۈنۈشلىرى خەنزۇچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن ھالەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرسوفتنىڭ كەسپىي يۇمشاق دېتاللىرى ئادەتتە 2010-يىلىدىن باشلاپ «رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ماقالە سىستېمىسى»نى ئىشلىگەندىن بويان تىل بولىقى شەكىلدە ئىشلىنىپ كەلمەكتە. ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ھەتتا زاكاز قىلسىڭىز رۇسچە، قازاقچە،…شەكىلدە ئىشلەپ بېرىمىز.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى