ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھازىر ساۋاتسىزلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟

ھازىر ساۋاتسىزلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 743 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەلكىم، نۇرغۇن كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپبەنى تۈگەتسە، تۆت ئەمەلنى بىلسە ساۋاتلىق بولمامدۇ؟-دېيىشى مۇمكىن. ئەمما، ب د ت نىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا، بىرىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار خەت تونۇمايدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار ھازىرقى زاماندىكى بەلگىلەر (يەنى خەرىتە، …دېگەندەك)نى تونۇمايدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار كومپيۇتېر ئىشلىتىپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ. كېيىنكى ئىككى تۈردىكى ساۋاتسىزلار «تېخنىكىلىق ساۋاتسىز» ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇلار خەت ئوقۇشنى بىلسىمۇ، لېكىن، ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

شىنجاڭدىكى سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى،…قاتارلىق بارلىق ئاپتوبانكا (ATM) نىڭ يۇمشاق دېتالىدا ئۇيغۇرچە يېزىقمۇ تەڭ ئىشلىتىلدى. لېكىن، بەزىلەر يەنىلا خەنزۇچە سىستېمىغا كىرىپ پۇل ئالىدىكەن، بەزىلەر ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىلسىمۇ ئىشلەتمەيدىكەن ياكى ئىشلىتىشتىن ئەنسىرەپ يەنىلا مۇلازىمەتچى خادىمغا ئۆچىرەت ساقلاپ پۇل ئالىدىكەن. نېمە دېگەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھە؟! دېمەك، ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىلسىمۇ، لېكىن، شۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىكەن ياكى ئىشلىتىپ بېقىشقا تىرىشمايدىكەن.

مەن ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىمەن، بۇ يەردە ئاساسەن بىلىملىك كىشىلەر توپلاشقان، ئەمما، ھەتتا چەتئەللەردە تەبىئىي پەنلەردە دوكتۇر بولۇپ كەلگەنلەر ياكى مۇشۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلىپ پىروفېسسور بولغانلار ئارىسىدىمۇ، بەزى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: 10 يىلنىڭ ئالدىدا VCD تازا ئومۇملاشقان دەۋردە، چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن بىرەيلەن CD ئاپپاراتىنى سېتىۋېلىپ، ئۆيىدىكى تېلېۋىزورغا چېتىپ قاملاشتۇرالماپتۇ. ئۆيىگە بارسام بىر قۇلىدا «ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى»نى بار ئىكەن، ئەمما، سۈرەت چىقمىدى-دەپ جىلە بولۇپ تۇرۇپتۇ. قۇلىدىكى قوللانمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەپتۇ دېسە ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئاپپارات ئىچىدە «تارىم» دېگەن VCD (سىنتەخسە) بار ئىدى. ئۇ مېنىڭ بۇ ئاپپاراتىم چەتئەلدىن كىرگەن ھەقىقىي مەھسۇلات، سۈپىتى ئىشەنچلىك، لېكىن، ماۋۇ «تارىم» دېگەن سىنتەخسە ساختا ئوخشايدۇ-دېدى. ئەمما، مەن گەپ قىلماستىن ئۇ كىشىنىڭ يان كومپيۇتېرىغا سېلىپ سۈرەتنى چىقىرىپ بەردىم. ئەمما، ئۇ بۇ سىنتەخسىغۇ ساختا ئەمەس ئىكەن، لېكىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بۇ ئاپپاراتىمدا چىقمايدۇ، قارىغاندا بۇ تەخسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن ئىكەن-دەپ گۇناھنى يەنىلا سىنتەخسىگە ئارتىپ تۇرىۋالدى. مەن ئۇ ئاپپاراتنىڭ CD قويغۇچ ئىكەنلىكىنى، قوللانمىنىڭ ئىككىنچى بېتىدىكى بۇ ئۈسكۈنە قويالايدىغان CD فورماتى پەقەت Audio CD (ئۈنتەخسە) بىلەن چەكلىنىدۇ دېگەن خەتنى كۆرسىتىپ قويساممۇ، لېكىن، ئۇ سىنتەخسىدە ئاۋاز ۋە سۈرەت تۇرسا، ئاۋاز بولسىمۇ چىقىشى كېرەك ئىدىغۇ؟-دەپ تۇرىۋالدى. ئەمما، مەن ئارتۇق چۈشەندۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئىشىم بار ئىدى دەپ چىقىپ كەتتىم. بۇ مىسالدا بۇ كىشى Audio CD ئاپپاراتىدا Video CD نى كۆرىمەن دەپ خېلى تىرىشىپ باققان. ئۇيغۇرچە ATM دىن پۇل ئېلىشقا تىرىشىپ باقمايدىغان كىشىدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئەمما، مەقسەتسىز تىرىشىپ بېقىشمۇ ۋاقىتنى ئەڭ زايە قىلغان بىلەن باراۋەر ئىكەن. بۇنداق ئىشتا نەتىجە چىقىش تەس. لېكىن، مەقسەت ئېنىق بولسىمۇ، تىرىشماسلىق ئەڭ قاملاشمىغان ئىش. بۇ خۇددى ئۇيغۇرچە ATM نى ئىشلىتىشكە تىرىشماسلىققا ئوخشايدۇ.

ئۇيغۇرسوفت يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە خېرىدارلار دائىم ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالى تەخسىسىنى ئۆيىدىكى VCD ياكى DVD ئاپپاراتىغا سېلىپ، سۈرەت چىقمايدىكەنغۇ؟ بۇ زادى قانداق كىنو تەخسىسى-دەپ تېلېفوندا بىزنى تىللاپ كېتەتتى. گەرچە بۇنداق خېرىدارلار ھازىر ئاساسەن قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن، «ئەلكاتىپ» نىڭ قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغانلار يەنىلا بار. ئالدىن ھەپتە بىرسى تېلېفوننى ئېلىپلا: «مەن ئەلكاتىپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى سىلەرنىڭ تورىڭلاردىن چۈشۈرگەن ئىدىم، لېكىن ھەقسىز نۇسخىسىدا قازاقچە بولمايدىكەن»-دەپ سۆزلەپ كەتتى. مەن سۈكۈتتىكى ھالەتتە قازاقچىنى قاچىلىمايدۇ، ئەمما، كونترول تاختىسىدىن تەڭشەپ، قازاقچە كىرگۈزۈشنى قوشۇشقا بولىدۇ، ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ-دېسەم، تېلېفوندا دەپ بەرسەڭ نېمە بولىدۇ؟-دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنداقتا، كونترول تاختىسىنى ئېچىڭ دېسەم، كومپيۇتېرىمدا ئۇنداق نەرسە يوق دەپ تۇرىۋالدى. مەن ئالدىراشلىقىمنى ئېيتىپ، بىزنىڭ مەخسۇس مۇلازىمەت تېلېفونىمىز ۋە خادىمىمىز بار، شۇ يەرگە تېلېفون قىلىڭ، ئۇلار ھەل قىلالمىغان تېخنىكىلىق مەسىلە بولسا مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي-دەپ تېلېفوننى بېسىۋەتتىم. بەلكىم، بۇ كىشى مۇلازىمەت ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

مەقسەت ئېنىق بولسىمۇ، تىرىشىپ باققان بولسىمۇ لېكىن، سۆزلىگۈچىنىڭ بايانىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىسە، بۇ تېخىمۇ قاملاشمىغان ئىش. شۇڭا، كىتاب ئوقۇغاندا تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھالقىلىق ئامىل ئىكەن. چۈنكى بەزىلەر تىل بىلمىسىمۇ چۈشەندۈرۈش كىتابىدىكى رەسىم، بەلگىلەرگە قاراپ ئىنگلىزچە يېزىقلارنى ئۇيغۇرچە لاتىنچە ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇپ يۈرۈپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىرىنى راۋان قىلالايدۇ. مەسىلەن: 30 يىلنىڭ ئالدىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ناھىيەدە خەنزۇچە بىلمىسىمۇ خەنزۇچە «ئېلېكتىرون دۇنياسى» (电子世界)، «رادىيو» (无线电) دېگەن ژۇرنالنى چالا-بۇلا كۆرۈپ، سىملىق تېلېفون تېخى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىمۇ ئومۇملاشمىغان دەۋرلەردە سىمسىز تېلېفون ياساپ سۆزلىشىپ يۈرگەن، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردىمۇ رەڭسىز تېلېۋىزور ئومۇملاشمىغان ۋە ھەر قايسى ناھىيەلەردە تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسىلىرى قۇرۇلمىغان دەۋرلەردە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچىنى ياساپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرگەن كىشى ئارىمىزدا بار. مەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. شۇڭا، مەيلى ئۇ كىشى دوكتور بولسۇن ياكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسۇن، ئىنسان ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

يېقىندا مەن تېخى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىغا ئائىت ئىنگلىزچە ماتېرىياللارنى تولۇق ھەزىم قىلىپ چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئىنگلىزچە تەسىرات يازالايدىغان خادىملارنى ئىزدەۋاتسام، ئۆز ئانا تىلىدىكى قوللانمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغان ياكى تېلېفوندىكى مۇلازىمەتنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان بۇنداق كىشىلەرمۇ خېلى بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلېفون، رەقەملىك فوتو ئاپپارات ياكى تېلېكامېرا سېتىۋېلىپ، ئىچىدىكى ئىشلىتىش قوللانمىسى بۇيىچە مەشغۇلات قىلالمىغانلارنى دائىم ئۇچرىتىپ قالىمەن. ئۇلار تېخى: «بۇ مېنىڭ كەسپىم ئەمەس، مەن دېگەن ئەدەبىياتتا ئوقۇغان تۇرسام»-دەپ قويىدىكەن. ئەجەبا بۇ نەرسىلەرنىڭ كەڭ ئاۋام بازىرىغا يۈزلەنگەن ئاددىي بىر ئىستىمال مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ قارىغاندا ب د ت نىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا، ئارىمىزدا «تېخنىكىلىق ساۋاتسىزلار» خېلى بار ئوخشايدۇ. 60-يىللاردا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلارغا مەيلى دېسەكمۇ، لېكىن، مەن زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە بىرەرسىنىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى