ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرچە سىممېتىرىك سۆزلەر

ئۇيغۇرچە سىممېتىرىك سۆزلەر

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1760 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار توپىدا مۇنداق تېپىشماق ئايلىنىپ يۈرمەكتە يەنى ئالدى-كەينىدىن ئوقۇسا ئوخشاش مەنا بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلەر بار، ئۇلار قايسىلار؟ 5 نى تاپالامسىز؟ دېگەندەك. مەنمۇ مۇنداق تېپىشماقنى بىرنەچچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم، جاۋابىنى تاپقانلارمۇ شۇ ئاران بىرنەچچە سۆزنى دەپ توختاپ قاپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «تەلەي يۇلتۇزى» پىروگراممىسىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا قەيسەر ھەبىبۇللامۇ مۇشۇنداق سوئاللارنى سورىغان ئىدى، لېكىن جاۋاب بەرگۈچىلەر مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بىرنەچچە سۆزنى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن 5 نى دېيەلمىگەن ئىدى. مەسىلەن: كىيىك (ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى خاتا، شۇڭا جاۋابى بولالمايدۇ)، قازاق، قاق،…دېگەندەك. بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىدىكى 15000 مىڭغا يېقىن تۈپ ئىسىملار ئامبىرىدىن بۇنداق قانۇنىيەتلىك سۆزلەرنى ئىزدەپ باقسام، جەمئىي 37 سۆز چىقتى، نەتىجىسى مۇنداق:

(بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسىڭىز، ئىزاھلىق لۇغەتكە قاراپ بېقىڭ)
قارساق
قازاق
قاساق
قاق
قاماق
قاۋاق
قۇدۇق
قۇسۇق
قۇللۇق
قىچىق
قىلىق
كاۋاك
كەررەك
كەك
كۆك
كۈچۈك
كۈرۈك
كۈللۈك
موم
نان

بۇنى يەنە ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىمگە يوللاپ قويدۇم، لېكىن بەزىلەر «كىيىك» دېگەن سۆز چۈشۈپ قاپتۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە «كىيىك» ئەمەس، توغرا ئىملاسى «كېيىك» بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق خاتا نەتىجە چىقمايدۇ.

ئەمدى مەن مۇنداق تېپىشماق چىقىرىپ باقاي، سىلەر تېپىپ بېقىڭلار. كەينىدىن باشلاپ ئوقۇسا، ئۆز پېتى ئەمەس بەلكى باشقا مەنا ئاڭلىتىدىغان سۆزلەردىن نەچچىنى تاپالايسىلەر؟ مەسىلەن: «زامان» دېگەن سۆزنى كەينىدىن باشلاپ ئوقۇسىڭىز، «ناماز» بولىدۇ. «تامام» دېگەن سۆزنى كەينىدىن باشلاپ ئوقۇسىڭىز، «مامات» دېگەن سۆز بولىدۇ. قېنى تېپىپ بېقىڭلار، مەرھەمەت.
========================
جاۋابىنى بۈگۈن دەپ بېرەي:
بۇك=كۇب
پات=تاپ
پاس=ساپ
پەن=نەپ
پىت=تىپ
پىرىت=تىرىپ
تالاس=سالات
تامام=مامات
تام=مات
تەخ=خەت
تەل=لەت
تۇرىت=تىروت
تۇتاش=شاتۇت
تۆل=لۆت
تۈس=سۈت
چاغ=غاچ
چەك=كەچ
چۆك=كۆك
خۇم=مۇخ
رەت=تەر
روھ=ھور
زامان=ناماز
شەك=كەش
شوق=قۇش
قاتلام=ماتلاق
قارساق=قاسراق
كۈي=يۈك
كىي=يىك
لاپ=پال
لام=مال
لاي=يال
لەت=تەل
مات=تام
ماش=شام
مىس=سىم
مەي=يەم
ياۋان=ناۋاي

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى