ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جۇڭگولۇقلارمۇ يۇمشاق دېتال سېتىۋالالايدۇ، ئەمما

جۇڭگولۇقلارمۇ يۇمشاق دېتال سېتىۋالالايدۇ، ئەمما

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 701 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستىۋى.باللمېر (Steve Ballmer) ئەپەندى 24-مايدىن 27-مايغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، «مىكروسوفت چوڭ جۇڭخۇا رايونى BizSpark يېڭىلىق ياراتقان كارخانىلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى»گە قاتناشتى ۋە مىكروسوفت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەتقىقات گۇرۇھى باش ئىشتابى بىناسى(ئالىم مۇئەللىم دەل بىر ئاينىڭ ئالدىدا زىيارەت قىلغان بىنا)نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ لېنتا كەستى.

بۇ بىنا بېيجىڭ جۇڭگۈەنسۈن مەركىزىي سودا رايونى-جۇڭگۈەنسۈن مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئايدا رەسمىي پۈتكەن ئىدى. بۇ بىنانى سېلىشقا مىكروسوفت جەمئىي 2 مىليارد يۈەن خەجلىگەن (بىلىشىمچە ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار 500 مىليون يۈەن بىلەن پۈتكەن ئىكەن).

(سولدىن-ئوڭغا: بىل.گېيتس، ستىۋى.بالمېر)
ستىۋى.باللمېر مۇنداق دېدى، «جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاساسەن تەڭلىشىدۇ، ئەمما، جۇڭگودىن كەلگەن تىجارەت كىرىمى مىكروسوفت ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىنىڭ %5 نى ئىگىلەيدۇ يەنى بۇ تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىدۇ»-دېدى، ئاندىن يەنە مىكروسوفتتىكى خادىملارغا سۆز قىلغاندا، «جۇڭگودا مۇنداق بىر ئورتاق كۆز قاراش بار، جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار ساختا يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشىمىزدىكى سەۋەب ھەقىقىي يۇمشاق دېتالنىڭ بەك قىممەت بولغانلىقىدا دېيىشىدۇ، ئەمما، مەن بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمايمەن. مەن ھەرگىزمۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ كومپيۇتېر سېتىۋېلىشىغا قۇربى يەتمەيدۇ دېمەكچى ئەمەسمەن، ئەمما، كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتكەنلەرنىڭ يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىشقىمۇ قۇربى يېتىدۇ دېمەكچى، ئەمما»-دېدى.

ستىۋى.باللمېرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا جۇڭگودا بىر كومپيۇتېر سېتىلسا، مىكروسوفتنىڭ تىجارەت كىرىمى ھىندىستاندىن قىلىدىغان كىرىمنىڭ ئالتىدىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىكەن، جۇڭگودىن كېلىدىغان كىرىمى نوپۇسى 17 مىليونغىمۇ يەتمەيدىغان گوللاندىيەدىنمۇ ئاز ئىكەن. گەرچە، ئالدىنقى يىلى جۇڭگودا كومپيۇتېرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئامېرىكا بىلەن تەڭلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما، تىجارەت كىرىمى ئامېرىكىنىڭ ئاران يىگىرمىدىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى