ئالىم ئەھەت بىلوگى قانداق قۇرۇلدى؟
يانفوندا كۆرۈش
بۈگۈن 2011-يىل 10-ئاپرېل (يەكشەنبە) سەھەردە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا بىلوگ توغرىسىدا يەنە بىر سۆھبەتكە قاتناشتىم. ئويلاپ باقسام 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بىلوگ توغرىسىدا بىر نەچچە قېتىم سۆزلەپتىمەن، ئەمما، ئۆزەمنىڭ خاس بىلوگى يوق ئىدى. بۇ زادى قانداق بولغىنى؟ ناۋادا، باشقىلار «نېمە ئۈچۈن؟»-دەپ سوراپ قالسا، «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما»-دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزەمگە باھانە تاپاتتىم.
لېكىن، بۈگۈن رادىيودا مېنىڭمۇ بىلوگىم ئېچىلماقچى دەپ سالدىم، بۇ بىۋاسىتە ئاڭلىتىلغان پىروگرامما تۇرسا، قانداقمۇ قايتۇرۇۋالغىلى بولسۇن؟ مانا ئەمدى «ئۆزەمنى بىلمەي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، ھەپتە ئون كۈن مىدىرلىماي جىم يېتىپتىمەن»-دېگەندەك ئىش بولىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ ھامان ئاچىدىكەنمەنغۇ؟ بولدى كېچىكتۈرمەي دەپ بۈگۈن رەسمىيەتلەرنى بېجىردىم. تور دۇنياسىدا يەنە بىر خاس بىلوگ مۇشۇنداق مەجبۇرىي مەيدانغا كەلدى. ئەمما، تەدبىركار، يۈكسەل ۋە قىسمەت بىلوگلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولدى. ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.