ئەسلىدىكى بىلوگىمدىن يانبىلوگقا قانداق كۆچىمەن؟
ۋاقتى: 2016-11-08
ئاۋاتلىقى: 1322 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر سىز ئىلگىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بىلوگىچىلىق قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مەزگىلدە بىلوگقا ئىشتىياق باغلاپ، بىلوگ يېزىۋاتقان بولسىڭىز، ئەمدىكى كۈندە مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن: ئىلگىرىكى بىلوگىمنى يانبىلوگقا قانداق كۆچۈرىمەن؟ ئەنسىرىمەڭ، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى ئاللىبۇرۇن ئويلىشىپ بولغان.
ھازىرچە ئىككى خىل ئۇسۇل بار:
بىرىنچى، بىلوگىڭىزنىڭ ئارقا سۇپا ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىسىڭىز پىروگراممېر ھەقلىق يۇسۇندا سىزگە ئەسلىدىكى بىلوگىڭىزنى يانبىلوگ سىستېمىسىغا كۆچۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر بىخەتەرلىككە ئىشەنچ قىلالمايتتىم، بىلوگ ئۇچۇرۇمنى تەمىنلىسەم بولمايدۇ دېسىڭىز، ئىككىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.
ئىككىنچى، yanbilog@126.com غا ئېلخەت يوللاپ، بىلوگ ئادرېسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى سىزگە ئەسلىدىكى بىلوگىڭىزدىكى يازمىلارنى بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق يانبىلوگ سىستېمىسىغا يۆتكەش ئىقتىدارىنى قوشۇپ بېرىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ يازمىلىرىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يانبىلوگقا كۆچۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ۋاقىت، زېھىن كۈچ، ئادەم كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە دەماللىققا يېتىشىپ بولالماي قېلىشىمىز، شۇڭا ئۈچرەتتە ھەل قىلىشقا توغرا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، ئەگەر بىلوگىڭىزدىكى يازما سانى بەك كۆپ بولمىسا، قولدا بىردىن بىردىن كۆچۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل يازما سانى نىسبەتەن كۆپ بولغان بىلوگلارغا قارىتا تەمىنلىنىدۇ.