يانبىلوگقا تىزىملاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىمەن؟
ۋاقتى: 2016-11-05
ئاۋاتلىقى: 1553 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يانبىلوگ سىستېمىسى كۆپ كىشىلىك سىستېما بولۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر قانداق ئادەم تىزىملىتىپ ئۆزىنىڭ يانبىلوگىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئەمما دەسلەپ تىزىملاتقاندا چوقۇم دىققەت قىلمىغاندا بەزىبىر ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
يانبىلوگقا تىزىملاتقاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. تىزىملىتىش ئىسمى ئىمكانبار قىسقا، مەنىلىك بولۇشى كېرەك. يانبىلوگ سىستېمىسىغا تىزىملىتىشتا تىزىملىتىش ئىسمى 6 ھەرپتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.
2. يانبىلوگ سىستېمىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىنى قوللايدىغان بولغاچقا، تىزىملاتقاندا چوقۇم ياخشى ئويلىشىش كېرەك. تىزىملاتقان ئىسىم ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى قىلىنىدىغان بولغاچقا، تىزىملاتقاندا چوقۇم توغرا، ئۆلچەملىك، ئۆزىمىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىسىملارنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن: nidayi.yanbilog.com ياكى erturk.yanbilog.com دېگەندەك بۇ يەردىكى nidayi ۋە erturk دېگەنلەر تىزىملىتىش ئىسمىدىن ئىبارەت.