ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نېمە ئۈچۈن بەڭباش ساۋاقداشلار خوجايىن بولۇپ كەتتى؟

نېمە ئۈچۈن بەڭباش ساۋاقداشلار خوجايىن بولۇپ كەتتى؟

ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 1162 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ساۋاقداشلار يىغىلىشى قاتناشقاندا، ئۇزۇندىن بېرى كۆرمىگەن ساۋاقداشلارنى كۆرگەندە يېقىنقى ئەھۋالى توغۇرلۇق پاراڭلىشىمىز، شۇ ۋاقىتتا ھېس قىلدىڭىزمۇ، بۇرۇن دەرسكە دىققەت قىلمايدىغان، ئىمتىھاندا يا ئۇخلايدىغان يا باشقىلارنىڭ قەغىزىنى كۆچۈردىغان ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر خوجايىن بولۇپ كەتكەن. بۇرۇن دەرسىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلايدىغان تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەيدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلار قورسىقىنى باققىدەك مائاشنىلا ئېلىپ، ئۆي ماشىنىنىمۇ ئالالماي يۈرگىنىنى، ئەھۋالنىڭ شۇنچە پەرقلىقلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىڭىزمۇ؟ ياخشىراق ئويلىنىپ باقسىڭىز بۇنىڭ جاۋابى بۇ بىرقانچە سەۋەپتە بولىدۇ.
1. نەتىجىسى ناچار، بەڭباش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزى قىلىنراق بولىدۇ.سودىدا بولسۇن ياكى شىركەت ئېچىشتا بولسۇن يۈزى قېلىنراق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىرمو، بىرپۇڭلۇق پايدىنى دەپ كىشىلەرگە يېپىشۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەتىجىسى ناچار، بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا تەنبىھنى تولا ئىشتىپ يۈزى قېلىنراپ قالغاچقا، بۇنداق ئىشلارغا كەلگەندە ئەيمىنىپ كەتمەيدۇ. لېكىن دەرستە ياخشى، گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەچكە ئازراق تەنبىھنى ئاڭلاپ قالسا يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتىدۇ.سىزنىڭ ئۇنى باشقىلارغا يالۋۇر دېگىنىڭىز ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىنىڭىز ياخشى.
2. نەتىجىسى ناچار، بەڭباش ئوقۇغۇچىلار ئوڭۇشسىزلىقتىن قورقمايدۇسودىدا بولسۇن ياكى شىركەت ئېچىشتا بولسۇن ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمەيدۇ. بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ توختاپ قالسىڭىز، سىز مەڭگۈ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايسىز، نەتىجىسى ناچار، بەڭباش ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئىمتىھانلاردا نۇرغۇن قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ باققان. شۇڭا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش، ئۇلار ئوڭۇشسىزلىقتىن ئۇچراشتىن چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيدۇ.شۇڭا مۇۋاپىققىيەت قازىنالايدۇ. لېكىن دەرستە ياخشى، گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا مۇۋاپپىقىيەت ئارىسىدا چوڭ بولغاچقا، ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا بېشىنى كۆتۈرەلمەي، ئۆزىنى تۈزىۋالالمايدۇ.
3. نەتىجىسى ناچار، بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلار تەۋەككۈل قىلىشقا دادىل بولىدۇ.خەتىرى قانچە چوڭ بولغان ئىشنىڭ پايدىسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، نەتىجىسى ناچار، بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا تەۋەككۈل قىلىش روھى بولىدۇ. ھەرقېتىم بەڭباشلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسىمۇ، لېكىن ئۇلار شۇنىڭدىن ئېرىشكەن خۇشاللىقنى قويۇپ قويالمايدۇ. لېكىن دەرستە ياخشى، گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ماڭىدىغان يولى ئاتا-ئانىسى ياكى ئوقۇتقۇچىسى تەرەپتىن بەلگىلۋېتىلگەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى كەمچىل، بولۇپلا قالماستىن تەۋەككۈل قىلىش روھى تېخىمۇ كەمچىل بولىدۇ.

4.نەتىجىسى ناچار بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلار ۋىجدانلىق كېلىدۇشېركەت قۇرۇپ باشلىق بولغان ئادەم باشقىلارنى ئىتپاقلاشتۇرۇشقا خادىملارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر بىرخادىم خاتالىق سادىر قىلغاندا بىر باشلىق بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ خادىمىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ ، ئۇنىڭ بېسىمى يەڭگىللەتسە كىم بۇ كىشىگە تەشەككۈر ئېيتىپ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىمەيدۇ. لېكىن دەرستە ياخشى گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا ئىش تېرىپ قويۇشتىن قېچىپ، ھەتتا بەزىلىرى باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تېپىپ مۇئەللىمگە چېقىپ ئۆزىنى كۆرسەتكەچكە ، بۇنداق ئادەم ئەگەر خوجايىن بولساكەچكىچە خادىملىرى بىلەن ئېتىشىپ خادىملارنى بىزار قىلىدۇ. بۇنداق بولسا كىمنىڭ بۇيەردە ئىشلىگۈسى كېلىدۇ؟شىركەت بىرەر خەتەرگە يولۇقسا ھەممىسى كۈدە كۆپىسىنى كۆتۈرۈپ قاچىدۇ.مۇنداق بىر تەمسىل بولۇپ«بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم»بۇنىڭدا دىمەكچى بولغىنى شۇ ئادەمنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. دېمەكچى كىچىكىدىنلار گەپ ئاڭلايدىغان بالا چوڭ بولسا شۇ تەرتىپ بويىچە بىرخىزمەتنىلا قىلىدۇ. بولۇپمۇ «تۆمۈر تاۋاق»قا ئېرىشىۋېلىپلا ئولتۇرىدۇ. كىچىكىدىلا بەڭۋاش بالا غەلىتە باشقىلار ئويلاپ باقمىغان خىياللارنى قىلغاچقا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزى ئىگىلىك تىكلەيدىغانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.

مەنبە: باغداش تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى