ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟

تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 837 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغۇتلۇق ئاياللار قىرقى مەزگىلىدە ئىشىك-دەرىزىلەرنى مەھكەم تاقىۋالىدۇ، بۇ ‹بىكىنمە تۇغۇت› دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق. تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ مىتابولىزم پائالىيىتى كۈچىيىدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، چىللە خۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ-كىچىك تەرەت قوشۇلۇپ، ئۆيدە ھەر خىل پۇراقلار ئارىلىشىپ كېتىدۇ. بۇ تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە بەك پايدىسىز.

دوختۇرخانا ياتاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋانى دىزىنفىكسىيەلەش تەجرىبىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئىشىك-دەرىزىلىرى ھىم ئېتىلگەن ياتاقلاردىكى ھاۋا بوشلۇقىدا كۆپ مىقداردا باكتېرىيە توپى بولىدىكەن، ھاۋا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، باكتېرىيە توپىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازلىغان. دېمەك، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ھاۋانى دىزىنفىكيەلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.  شۇڭا قىش پەسلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قىسقا ۋاقىت دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. بىراق ھاۋا ئالماشتۇرغاندا، سوغۇق شامالنىڭ تۇغۇتلۇق ئايال ۋە بوۋاققا ئۇدۇل تېگىپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسى، نەملىك دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى 22~20 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا، نەملىك دەرىجىسى %65~%60 ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئۆي پار بىلەن ئىسسىتىلىدىغان ئائىلىلەردە، ئۆي ئىچى بەك قۇرغاق بولۇپ كەتكەندە، نەملىك ئاشۇرغۇچى ئۈسكۈنىلەرنى قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئۆي ئىچىگە مەش قويۇلغان بولسا كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ياز پەسلىدە توكلۇق شامالدۇرغۇچ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىپ ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىراق ئۇنىڭ شامىلى تۇغۇتلۇق ئايال ۋە بوۋاققا بىۋاسىتە تېگىپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ھۇجرىسى پاكىز، رەتلىك بولۇشى، تۇغۇتلۇق ئايال ۋە بوۋاقنىڭ نەرسىلىرى ئايرىلىپ، رەتلىك قويۇلۇشى، قالايمىقان قويۇلماسلىقى كېرەك. ئەگەر ھۇجرا قالايمىقان بولسا، بۇ تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ پاكىزلىقنى سۆيىدىغان ئاياللارغا.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى