ئەڭ ياخشى ھامىلىدارلىق يېشى
ۋاقتى: 2015-12-16
ئاۋاتلىقى: 833 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
فىزىيولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاياللار 23-28 ياشقىچە بالىلىق بولسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، تۇخۇمنىڭ سۈپىتىمۇ ئەڭ ياخشى، كۆپىيىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغاندىن سىرت، يەنە بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ تۇغۇت يولىنىڭ ئېلاستىكىلىقى، بالىياتقۇنىڭ قىسىلىشىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن، بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، بالدۇر تۇغۇلىدىغان، ئۆلۈك تۇغۇلىدىغان ۋە غەيرى تۇغۇلىدىغان ئىشلارمۇ ئازىيىدىكەن.
يۇقىرىقى ياش بۆلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەك كىچىك (يەنى 20 ياشتىن كىچىك) بولغاندا، بەدەن تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ، بەك چوڭ (يەنى 30 دىن چوڭ) بولغاندا تۇخۇم ھۈجەيرىسى قېرىغانلىقتىن، سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسى بالدۇر تۇغۇلۇش، تۇغۇتى قېيىن بولۇش ۋە غەيرى تۇغۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ سۈپەتلىك تۇغۇشقا پايدىسىز.
ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى بالىلىق يېشى ئاياللاردىن ئازراق پەرقلىنىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسى 30 ياشتا ئاندىن يۇقىرى دولقۇنغا يېتىدۇ، ھەمدە كېيىنكى بەش يىلدا بۇ خىل ھالەتنى ساقلايدۇ، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئەرلەر 30-35 ياش ئەتراپىدا بالىلىق بولسا ئەڭ سۈپەتلىك بولىدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەر-ئاياللارنىڭ بالىلىق بولۇش يېشى ئەرلەرنىڭ يېشى ئاياللاردىن يەتتە ياش ئەتراپىدا چوڭ بولسا بىرقەدەر مۇۋاپىق. ئاتىنىڭ يېشى چوڭ بولسا ئەقلىي قابىلىيىتى ياخشى بولسا بىرقەدەر پىشقان بولىدۇ، ئانا بىر قەدەر ياش بولسا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بولىدۇ، بۇ ياخشى بولغان بىر خىل بالىلىق بولۇش مۇھىتىنى ھازىرلايدۇ، شۇنداقلا ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. شۇڭا بۇ خىل گۇرۇپپىلاشنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.