ھامىلىدارلىقنىڭ 7- ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەردىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2016-09-30
ئاۋاتلىقى: 803 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ھەپتىسىدە، ھامىلىدارلىق ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ دىۋارى يۇمشاپ، بالىياتقۇ بوينى قېلىنلاپ، بالىياتقۇنى قوغدايدۇ. بۇ بىر ھەپتىدە ھامىلىدار ئايال ناھايىتى ئاسان ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل ھارغىنلىق ئادەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يوقايدۇ، ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنى ئاستا-ئاستا ھامىلىدارلىققا ماسلاشقان چاغدا، نورمال كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىدۇ. ھامىلىدار ئايالنىڭ يۈرەك رېتىمى تۇيۇقسىز تېزلىشىپ، مېتابولىزمى %25 ئاشىدۇ.
بالىياتقۇنىڭ بېسىشىدىن سىزنىڭ ھاجەتخانىغا بارىدىغان قېتىم سانىڭىزمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپىيىدۇ، بىراق سىز سۈيدۈك قىستاش، ئاغرىتىپ سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ھېس قىلمايسىز، بۇخىل سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش نورمال بولغان ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى ئالامەتلەرگە تەۋە، داۋالىتىش ھاجەتسىز، ھامىلىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
بەزى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قۇسۇش ئېغىر بولمىغان، ئىشتىھاسى ياخشى ھامىلىدار ئايالدا خالىغان ۋاقىتتا قورسىقى ئاچقانلىق سېزىمى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم قورساق ئېچىپ كېتىپ، تاماق تاللىماي يەۋېرىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بەل ئەگرىلىكىڭىزنى يوقۇتۇۋاتقانلىقىڭىزغا دىققەت قىلىشىڭىز مۇمكىن، ھەربىر ھامىلىدار ئانىنىڭ بەدىنىدە ئوخشىمىغان سۈرئەتتە ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئەگەر تۇغۇپ باققان ئايال بولسا تېخىمۇ بالدۇر ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
Tags: