ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 17-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش

ھامىلىدارلىقنىڭ 17-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش

ۋاقتى: 2016-07-05 ئاۋاتلىقى: 515 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار بولۇپ 17 ھەپتە بولغاندا، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ، ئىلگىرى كىيگەن كىيىمىنى كىيەلمەيدۇ، پەقەت ئازادە بولغان ھامىلىدارلار كىيىمىنى كىيگەندىلا ئاندىن ئۆزىنى راھەت ھېس قىلالايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئاز دېگەندە تۆت جىڭ ئارتىدۇ، بەزى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئېغىرلىقى ھەتتا ئون جىڭ ئارتىدۇ. كۆكسى تېخىمۇ سەزگۈرلىشىپ، يۇمشاپ كېتىدۇ، ھەتتا ئازراق ئاغرىيدۇ. كىندىك بىلەن دوۋسۇن سۆڭىكى ئارىسىنى تۇتقاندا، بىر قاتتىق نەرسە ئۇرۇلغاندەك بولىدۇ، بۇ بالىياتقۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى. بەزىدە سىزدە قورساقنىڭ بىر تەرىپىنى تۇتقاندا ئاغرىش ئەھۋالى بولسا، بۇ بالىياتقۇنىڭ تېز سۈرئەتتە چوڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئىزچىل ئاغرىپ توختىمىسا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك. 


ئەگەر سىز قورسىقىڭىزنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا بىر تال قۇرت قىمىرلاۋاتقاندەك ھېس قىلسىڭىز، ياكى بىر تال بېلىجان قورسىقىڭىزدا ئۈزۈۋاتقاندەك بولسىڭىز، بۇ دەل ھامىلىنىڭ باش سۈيىدە ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقى، بەدىنىنى سوزۇۋاتقانلىقى، قول-پۇتلىرىنى توختىماي ھەرىكەتلەندۈرىۋاتـ-
ـقانلىقى ۋە بالىياتقۇ دىۋارىغا ئۇرۇلغانلىقىدىن پەيدا بولغان بالىنىڭ تەۋرىنىشىدۇر. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى