ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي جەريانى(1)

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي جەريانى(1)

ۋاقتى: 2016-07-13 ئاۋاتلىقى: 571 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش قارىشى ئومۇميۈزلۈك بولسىمۇ، لېكىن تۇغما خاراكتېرلىك كېسەل ۋە پۇت ـ قوللىرى ساغلام بولمىغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى پات ـ پات ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇنداقتا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشتە زادى قايسى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك؟
تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش ھامىلىدار بولۇپ 10ـ ھەپتە ئەتراپىدا باشلىنىشى كېرەك، لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئەڭ ياخشىسى ھەيز كەلمىگەن 2ـ ھەپتىسلا دوختۇرغا بېرىپ ھامىلىدار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى مەقسىتى بار: ئەگەر ھامىلىدار بولغان بولسا بەزى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن دورا ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىش، بەزى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشتا ساقلىنىش كېرەك، مەسىلەن: X نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىش، قانۇنىيەتلىك يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش قاتارلىقلار؛ يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تۆرەلمىنىڭ بالىياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشقان ياكى ئورۇنلاشمىغانلىقىنى ئېنىقلاش شۇنداقلا تۆرەلمىنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش كېرەك.

ئەگەر تۆرەلمە بالىياتقۇ بوشلۇقىدا بولمىسا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇد، بىرى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قېلىش، بۇ ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ھامىلىدار ئايالنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن؛ يەنە بىرى يىگىلەپ كېتىش، يەنى بىنورمال تۆرەلمە، ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى. بۇ ۋاقىتتا دوختۇر پەرقلەندۈرۈپ دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، ئانا بولغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە پەقەت بىرلا قېتىم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرتۈش يېتەرلىك ئەمەس.
بىرىنچى قېتىملىق تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش تەخمىنەن ھامىلىدار بولۇپ 10ـ ھەپتىسى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم قان تەكشۈرتۈش ۋە سۈيدۈك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىلىپ، ھامىلىدار ئايالنىڭ ئاساسىي بەدەن ئەھۋالى ئىگىلىنىدۇ، مەسىلەن دىئابىت كېسىلى، بۆرەك كېسىلى ياكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى كەم قانلىق كېسىلىنىڭ بارـ يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ.
ئەگەر ئانا بولغۇچىدا ئوتتۇرا يەر دېڭىزى كەم قانلىق كېسىلى بولسا دەرھال بالىنىڭ دادىسى قېنىنى تەكشۈرتۈپ، دادىسىدىمۇ بۇ خىل كېسەلنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش كېرەك، ئەگەر ئاتاـ ئانىنىڭ ھەر ئىككىلىسى بۇ خىل كېسەل بولسا، بۇ ۋاقىتتا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ %25 ى ئېغىر دەرىجىدە ئوتتۇرا يەر دېڭىز كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭا پۈتۈن ھامىلىدارلىق جەريانىدا بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تەكشۈرۈش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا ھامىلىنىڭ قوشكېزەك ھەتتا تۇتاش تەنلىك بوۋاق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ 16ـ ھەپتىسى ئەتراپىدا، 34 ياشتىن يۇقىرى بولغان چوڭ ئاياللارغا دوختۇرلار باش سۈيى پەردىسىنى تېشىپ تەكشۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەگەر ھامىلىدە 21-خروموسۇما بىنورماللىق ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(唐氏综合征) قاتارلىق خروموسۇملاردا بىنورماللىق كۆرۈلسە، بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە بۇ خىل ئۇسۇل ھامىلىنىڭ 21-خروموسۇما بىنورماللىق ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(唐氏综合征)، خروموسۇمىدا بىنورماللىق بارـيوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، لېكىن ھەممە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بۇ خىل تەكشۈرتۈشنى قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. باش سۈيى پەردىسىنى تېشىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بالىياتقۇغا بىۋاسىتە كىرىدىغان بولغاچقا، بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى%1، بۇ سانمۇ تۆۋەن ھېسابلانمايدۇ. لېكىن 34 ياشتىن تۆۋەن ئاياللارنىڭمۇ21-خروموسۇما بىنورماللىق ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(唐氏综合征) گە گىرىپتار بوۋاقنى تۇغۇش ئېھتىماللىقى بار، بۇ ياشتىكى ئاياللار قان تەكشۈرتۈش ئارقىلىق كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرتۈش ۋە نېرۋا نەيچىسى كەمتۈك بولۇشنى تاسقاپ تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئانا قېنىدىكى A تىپلىق ھامىلە گىلوبۇلىنى ياكى بالا ھەمرىيى تىۋىتچە ھورمونىنىڭ بىنورمال بولۇش نىسبىتىنى ئېنىقلاش كېرەك. نىسبىتى يۇقىرى بولسا باش سۈيى پەردىسىنى تېشىپ تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەگەر نىسبەت قىممىتى يۇقىرى بولمىسا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈلسىلا بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىنىڭ ئورۇنلاشقان ئورنى ۋە باش سۈيى مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى كۆزىتىشمۇ ھامىلىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ياخشى ئۇسۇلدۇر.
ھامىلىدار بولۇپ 20ـ ھەپتىسى ساقلىق ساقلاش قانۇنىيىتى بويىچە 3ـ قېتىملىق تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر قېتىملىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ غەيرىي شەكىل بولۇپ قېلىشى ياكى بالا ھەمرىيىدىكى كېسەللەرنى ئېنىقلىغىلى، ھەتتا ھامىلىنىڭ توشقان كالپۇك ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشتە، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى، ھامىلە ئۆسمىسى، بالا ھەمرىيىنىڭ ئورۇنلىشىش ئورنىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكى مەسىلەن ئورنىنىڭ ئالدىغا بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئاسانلا قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشتە ھامىلىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ۋە ھامىلە ئورنىنى تەكشۈرتۈشتىن باشقا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى توكسېمىيە(毒血症)كېسىلىنىڭ بارـ يوقلۇقىنى ئېنىقلاش كېرەك. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللاردا دىئابىت كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللەر ياكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىق كېسەللەر بولسا، ھامىلىدارلىق ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلە تېنى چوڭىيپ، ھامىلىدار ئايالنىڭ يۈكىمۇ ئېغىرلاپ، بۇ كېسەللەر تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ، چوقۇم ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، شۇنداقلا ئىچكى كېسەللەر دوختۇرىنىڭ بىرلىشىپ داۋالىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى تەكشۈرتۈشتە ھەر قېتىم سۈيدۈك تەكشۈرۈشنىڭ سەۋەبى سۈيدۈكتە قەنت ۋە ئاقسىل تەركىبىنىڭ بارـ يوقلۇقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدارلىقنىڭ 28ـ ھەپتىسى سۈيدۈكتىكى گلۇكوزا مىقدارىنى تەكشۈرتۈپ ھامىلىدارلار دىئابىت كېسىلى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاش زۆرۈر.
ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىگە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش ۋە تۇغۇش جەريانىدا ياخشى خىزمەت قىلىدىغان بىر مۇۋاپىق ئاياللار دوختۇرىنى قانداق تاللايدۇ؟
دوختۇرخانا ياكى شىپاخانىنىڭ تۇغۇت دوختۇرنى تاللىغاندا، ئەڭ ئاساسلىقى ئۇنىڭ شۇ دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس كېسەللىك ۋىراچى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوختۇرخانىنىڭ ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈشىنىڭ ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار. ئەگەر ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئەسلىھەلىرى بولمىسا، دوختۇر ھامىلىنىڭ قوشكېزەك ياكى تۇتاش تەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ، بۇ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى شۇنداقلا دوختۇرنىڭ تېخنىكىسىدىن باشقا يەنە دوختۇرنىڭ شۇ مەسىلىنى ئويلىشى ۋە بايقىيالىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ دوختۇرخانىنىڭ كۆلىمى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، چۈنكى مەملىكەتتىكى داڭلىق داۋالاش مەركىزىدىكى دوختۇرلارنىڭمۇ قوشكېزەك ياكى تۇتاش تەنلىك ھامىلە ئىكەنلىكى ئايرىيالمايدىغان ئېھتىماللىقى بولىدۇ. شۇڭلاشقا دوختۇرنىڭ بۇ مەسىلىنى بايقاش-بايقىماسلىقى ناھايىتى مۇھىم.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى