ھامىلىدارلىقنىڭ 27-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالى
ۋاقتى: 2016-06-09
ئاۋاتلىقى: 658 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بۇ ۋاقىتتا ھامىلە بالىياتقۇنىڭ پۈتۈن بوشلۇقىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 900 گرامغا يېتىدۇ، پۇتىنى سوزغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.6 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ كۆزىنى ئېچىپ يۇمالايدۇ، شۇنداقلا رىتىملىق ئۇيقۇ دەۋرى شەكىللىنىدۇ. ھامىلە ئۆزىنىڭ قول بارمىقىنى شورايدۇ. گەرچە بوۋاقنىڭ ئۆپكىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولمىغان بولسىمۇ، ئەگەر ئۇ بۇ مەزگىلدە بالدۇر تۇغۇلۇپ كەتسە، سىرتقى ئامىلنىڭ تەسىرىدە، ئۇنىڭ ئۆپكىسى رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. 27-ھەپتىسى سىز ھامىلىنىڭ بەزى رىتىملىق ھەرىكەتلىرىنى ھېس قىلالايسىز، كۆپ ھاللاردا ھامىلىنىڭ كېكىرگەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھامىلە كېكىرىشكە باشلايدۇ، ھەر قېتىم بىر-ئىككى مىنۇت داۋاملىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ بىئارام بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەنسىرەش ھاجەتسىز، بۇ قىزىقارلىق ۋاقىتتىن ياخشى ھۇزۇرلىنىڭ. مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھامىلىنىڭ مېڭىسى تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ.
تەھرىر تەۋسىيەسى:
ھامىلە تەربىيەسى قاچاندىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
ھامىلە تەربىيەسى نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
دادا بولغۇچى تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيەدىكى ئاساسى كۈچ بولۇشى كېرەك