ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 9-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 9-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-07-03 ئاۋاتلىقى: 746 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1) ئانا بولغۇچى يېتەرلىك سۇ تولۇقلىشى كېرەك. 
بۇ مەزگىلدە ئانا بولغۇچى چوقۇم ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇ ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن چوڭ بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، گىمروينىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇسسىغان ھامان سۇ ئىچىش كېرەك. ئۇسساش بەدەندىكى سۇ مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاللىقاچان مەلۇم دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇسسىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا دەرھال سۇ ئىچىش كېرەك. 
2) ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇيقۇنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرگەندە، ھامىلىدار ئايالنىڭ مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش، قان تولۇقلاپ، مۇئەننەسنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، كۆپ چۈش كۆرۈپ ئاسان ئويغىنىپ كېتىش، ئۇيقۇسىزلىقتىن خالاس بولىسىز. 

3) ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئاي مەزگىلىدە دائىم چىش تۈۋى قىزىرىپ ئىششىپ قېلىش، قان چىقىش، ئاغرىش، ئېغىزى پۇراپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى. چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ھامىلىدار ئايال ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئەتىگەن كەچتە چىش چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىزنى چايقاش كېرەك. 
4) ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن سوغان( يەلتاشما)نىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا ئەملىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. 
سوغان ( يەلتاشما) بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئاساسلىقى ئەتىياز پەسلىدە كۆپ تارقىلىدۇ. بەزى ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، سوغاننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سوغان ۋاكسىنىسى ئەملىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاياللار سوغان ۋاكسىنىسى ئەملىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى ۋاكسىنا بىر خىل تىرىك ۋىرۇستىن يېتىشتۈرۈپ تەييارلىنىدۇ، گەرچە بۇنداق ۋىرۇسلار مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىنسىمۇ، يەنىلا ھامىلىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، ئەگەر ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى تۆت ئاي ئىچىدە سوغانغا گىرىپتار بولسا، ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى