ھامىلىدارلىقنىڭ 23-ھەپتىسىدىكى ئايالنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2013-11-18
ئاۋاتلىقى: 718 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 23 ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھامىلىدار ئاياللار بەزى نەرسىلەرنى يېيىشكە ئالاھىدە ئامراق بولۇپ كېتىدۇ. ئادەتتە ياقتۇرۇپ يەيدىغان چوكا مۇز، كولا، چۈچۈمەل پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلار ھازىر كۆزىڭىزگە ئوت بولۇپ كۆرۈنۈۋاتامدۇ؟ ھېچقىسى يوق، سىز ئاندا-ئاندا ئۆزىڭىزگە قويۇلغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ، لېكىن چوقۇم مۇۋاپىق چەكتە بولۇشى لازىم. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئاساسىي مېتابولىزم ئاشىدىغان بولغاچقا بەدەننىڭ قەنتكە بولغان ئىشلىتىلىش مىقدارى ئاشىدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپرەك تاماق يېيىشى، كۈندىلىك ئاساسىي يېمەكلىكنىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى 400 گىرامدىن يۇقىرى بولۇشى، يىرىك ئاشلىق بىلەن ئىنچىكە ئىشلەنگەن ئاشلىق ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇشى لازىم. يېمەكلىكنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىنىڭ ئاشۇرۇلۇش مىقدارى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىش ۋە ھەرىكەت مىقدارىغا ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلسە بولىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ 23 ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللار تۇز ۋە قەنت تۈرىدىكىلەرنى ئاز يېيىشى، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.