ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(2)

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(2)

ۋاقتى: 2014-06-03 ئاۋاتلىقى: 542 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(2) 

ەش ئايلىق بوۋاقنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى:         
ھازىر ئۇلار قىزىل، كۆك سېرىق رەڭلەر ئارىسىدىكى پەرقنى ئايرىيالايدىغان بولىدۇ. ئەگەر بالىڭىز قىزىل ياكى كۆك رەڭنى ياخشى كۆرسە ھەرگىز ھەيران قالماڭ، چۈنكى بۇ رەڭلەر مۇشۇ ياشتىكى بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭلەر، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى نەچچە مېتىر يىراقلىققا بارىدۇ، ھەمدە داۋاملىق كېڭىيدۇ. ئۇنىڭ كۆز قارىچۇقى ئۈستى-ئاستىغا، ئوڭ-سولغا يۆتكىلىپ، بىر قىسىم كىچىك نەرسىلەرگە دىققەت قىلىدۇ.  مەسلەن: ئۈستەل ئۈستىدىكى كىچىك پىرەنىك. ئۇ ئانىسىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، كۆزى ئانىسىغا قاراپ يۆتكىلىدۇ.                            

 بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ ئاڭ فونكىسىيسىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى:                       
ھازىر بوۋاقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ سىز بەزى بىر ئالامەتلەرگە  دىققەت قىلىسىز، يەنى ئۇنىڭ بەزى بىر ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. بۇ مەزگىلدە ئۇ مۇھىم بىر ئۇقۇمنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. -سەۋەب، نەتىجە مۇناسىۋىتى. ماتراسنى تەپكەن ۋاقىتتا، بەلكىم بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ تەۋرىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىشى، ياكى قوڭغۇراقنى ئاتقان، ياكى لىڭىشىتقان ۋاقىتتا ئاۋاز چىقىدىغانلىقىنى چۈشنىپ يېتەلىشى مۇمكىن. ئۇ پەقەت بۇ قىزىقارلىق  ئىشلارنى چۈشىنىپ يىتەلىسىلا، داۋاملىق باشقا نەرسىلەرنىمۇ سىناپ كۆرىدۇ. ھەمدە كېلىپ چىققان نەتىجىنى كۆزىتىدۇ. چوڭلارنىڭ چىرايىغا ناھايىتى قىزىقىدۇ، ئۇنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ئۇ قولىنى كۆزىڭىزگە تىقىدۇ، كۆزىڭىزنى تۇتىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغان ۋاقىتتا، ئۇ ئۆرۈلۈپ بېشىنى بۇراپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ئىزدەيدۇ.                               
بۇ ئايدىكى   بوۋاقلار ئەينەككە قاراپ ئۆزىگە دىققەت قىلىشقا  باشلايدۇ، ئانا ئەينەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: (بۇ بولسا مېنىڭ قوزام(بوۋاقنىڭ ئسمىنى  ئاتاشقا بولىدۇ)) دېسە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى