ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قالسا سەزگىلى بولامدۇ؟

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قالسا سەزگىلى بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-18 ئاۋاتلىقى: 668 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قالسا سەزگىلى بولامدۇ؟
بالىياتقۇ سىرتىدا تۆرەلگەن تۆرەلمىنىڭ ئورنى ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بوغۇزىدا تۆرەلمە تۆرەلسە، 6-ھەپتىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇخۇم  توشۇش نەيچىسى يېرىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئامپۇللاسىدا تۆرەلگەن تۆرەلمە چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى ھامىلىدارلىقنىڭ 8~12-ھەپتىسى كۆرۈلىدۇ. نەيچىنىڭ ئارىلىق قىسمىدا ھامىلە بولۇپ قالسا، 12~16-ھەپتىسى نەيچە يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، 10-ھەپتە ھېچقانداق ئەھۋال كۆرۈلمىسە، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قېلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسەك بولمايدۇ. ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆپ ئەھۋالدا بالا چۈشۈپ كېتىش ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدۇ، ئاستىنقى قورساقنىڭ بىر تەرىپى يوشۇرۇن ئاغرىيدۇ ياكى تارتىشىپ ئاغرىيدۇ، نەيچە يېرىلغان ۋاقىتتا قاتتىق ئاغرىيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈپ ئېنىقلاش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى