ياز پەسلىدىكى تۇغۇت
يانفوندا كۆرۈش
ياز پەسلىدىكى تۇغۇت ئايال كىشىگە نىسبەتەن سەل جاپالىق ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدا قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟
ھامىلدار ئايالنىڭ كىيىمى كەڭرى، ئازادە، ئەپلىك بولۇشى كېرەك. ئىچ كىيىم تاللىغاندا ھاۋا ئۆتۈشتۈرىدىغان، نەملىك سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغان پاختا رەخت كىيىملەرنى تاللىشى كېرەك.
پات-پات يۇيۇنۇپ تۇرۇش، ئىچ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، تېرىسىنىڭ پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ كۆكسى بىلەن ئەۋرىتىنىڭ تازىلىقىغا بەك دىققەت قىلىش كېرەك.
ھەر كۈنى ئىللىق سۇدا 1~3 قېتىمغىچە سۇ چۈشۈرۈپ يۇيۇنۇش، ۋاننىدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش.
يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، يېنىك تائاملارنى تاللاش، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئوزۇقلىنىش، سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىش.
ياتاق ئۆي ھاۋا ئۆتۈشىدىغان بولۇشى كېرەك. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىپ ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىگەن ئەھۋالدا، ئۆي تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولماسلىق، سوغۇق ھاۋادىن ساقلىنىش، سوغۇق شامالنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش.