ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 22-ھەپتىسىدە يود، تۆمۈر، كالتسىي كەم بولسا

ھامىلىدارلىقنىڭ 22-ھەپتىسىدە يود، تۆمۈر، كالتسىي كەم بولسا

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 684 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سوئال : ھامىلىدار بولغىنى 22 ھەپتىلىك بولغان ئاياللار تەكشۈرگەندە يود، تۆمۈر، كالتسىي كەم ئىكەنلىكى بايقالسا قايسى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك؟


جاۋاب: يود تولۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇل بولسا يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال قىلىش بولۇپ يودلۇق ماي‹碘油›  قاتارلىقلار پەقەت قوشۇمچە رول ئوينايدۇ. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا پەقەت ئۆلچەمگە توشقان ئاش تۇزى ئىستېمال قىلىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلالىساق باشقا يود تولۇقلىغۇچى يېمەكلىك ۋە يود تولۇقلىغۇچى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. قاندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىككە نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش. كۈندىلىك تۇرمۇشتا دېڭىز يۈسۈنى(خەيدەي)، ساڭراۋ قۇلاق(مور)، بېلىق، توخۇ گۆشى، كالا گۆشى، جىگەر، تۇخۇم، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى‹紫菜›، كەرەپشە، پالەك ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر قاتارلىق تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىنC تۆمۈرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىدا ياردەمچى رول ئوينايدۇ، تۆمۈر تولۇقلىغۇچ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش بىرگە ۋىتامىنC مول بولغان مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش بېرىش كېرەك. تەركىبىدە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەردىن كالا سۈتى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، كۈنجۈت، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك‹虾皮›، خەيدەي، كەرەپشە قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدار ئاياللار سىرتتا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرسە، قۇياش نۇرىغا كۆپرەك قاقلىنىپ بەرسە بەدەندە ۋىتامىنلارنىڭ سىنتېزلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كالتسىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى