ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ ھامىلە پەرۋىشىگە تەسىرى بولامدۇ؟

ھامىلىدارلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ ھامىلە پەرۋىشىگە تەسىرى بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-13 ئاۋاتلىقى: 731 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ ھامىلە پەرۋىشىگە تەسىرى بولامدۇ؟ 

 كۈندۈلۈك يېمەكلىكىمىزدە ئىستېمال قىلىنىدىغان بەزى يېمەكلىكلەر ھامىلە پەرۋىشىگە زىيانلىق، ھەتتا بويىدىن ئاجىراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە لۇڭيەن مېۋىسى يېسە، ئۇنىڭ مىجەزى بەك ئىسسىق بولغاچقا ، ھامىلىدار ئاياللاردا دائىم تەرىتى قۇرغاق ، ئېغىزى قۇرۇش، ھامىلىگە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، جىگەر قانىلى دىمىق بولۇپ قالىدىغان كېسەللىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق لۇڭيەن يېسە ھامىلە پەرۋىشىگە زىيانلىق بولۇپ قان چىقىش، قورساق ئاغىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا بويىدىن ئاجىراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمگىياھ قاتارلىق ئىسسىق مىجەزدىكى ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى مەھسۇلاتلار ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ. دۇلانە بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەگەر ھامىلىدار ئايال كۆپ مىقداردىكى دۇلانە ياكى دۇلانىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلسا بويىدىن ئاجىراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ بۇرۇن ئادەت خاراكتېرلىق بويىدىن ئاجىراش بولغانلار ياكى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بويىدىن ئاجىراش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئاياللاردا. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار دۇلانە ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېمەك ئىچمىكىنىڭ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى