ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۆمۈرنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

تۆمۈرنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-06-25 ئاۋاتلىقى: 567 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۆمۈرنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈر  ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. قىزىل قان ئېلېمىنتى تۆمۈرى ۋە غەيرى قىزىل قان ئېلېمېنتى تۆمۈرى. قىزىل قان ئېلېمېنتى تۆمۈرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى %20-30،غەيرى قىزىل قان ئېلېمېنتى تۆمۈرىنىڭ بولسا ئارانلا %5-3 بولۇپ، %10دىن ئاشمايدۇ. شۇڭا تۆمۈر تولۇقلىغاندا تەركىبىدە قىزىل قان ئېلېمېنتى تۆمۈرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغان ياخشى.

1. گۆش تۈرلىرى

 تۆمۈر ماددىسى مول ۋە سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولغان يېمەكلىكلەردىن ھايۋانات جىگىرى، ئورۇق گۆش، بېلىق، توخۇ، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلار بار.

2. كۆكتات تۈرلىرى

تۇرۇپ

تۇرۇپ ئادەتتىكىچە كۆكتات بولسىمۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە دورىلىق ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنىڭ تەركىبىدە مول لىگنىن بار بولۇپ، بەدەندىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، راك ھۈجەيرىسىنى يۇتقۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇپ تەركىبىدىكى كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، دىئاستازا ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىن A، B1، B2 قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىدار ئاياللارغا پايدىلىق.

سەۋزە

تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئالمىنىڭكىدىن 6 ھەسسە يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەركىبىدىكى ۋىتامىن A نامازشام قارىغۇسى ۋە ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدۇ؛ دىئاستازا يېمەكلىك تەركىبىدىكى كراخمال ۋە ياغلارنى ئۈنۈملۈك پارچىلاپ، سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئەمما مېۋە چېۋىلەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا تىئوسىئاتىك كىسلاتانىڭ قالقان بەزىنى چەكلەش رولىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. دائىم ئىستېمال قىلغاندا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


ياۋا كۆكتات

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يەنە بىر ياخشى تاللىشى. ياۋا كۆكتاتلار تەبىئىي، بۇلغانمىغان بولۇپلا قالماي، ئوزۇقلۇق ۋە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. دۆلىتىمىز ئوزۇقشۇنسلىرى 100نەچچە خىل يېگىلى بولىدىغان ياۋا كۆكتاتقا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ شۇنى بايقىدىكى، ياۋا كۆتاتلار تەركىبىدە مول ئۆسۈملۈك ئاقسېلى، ۋىتامىن، سىللۇلۇزا ۋە كۆپ خىل مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى ئۆزگىچە ئېسىل يېمەكلىكتۇر. يەنە كېلىپ ياۋا كۆكتاتلارنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- ساقلىقنى ساقلاش رولى كۆرۈنەرلىك، مەسىلەن: قىسقا يىلتىزلىق ياۋا سامساقنىڭ ئاشقازاننى كۈچەيتىش، بەلغەم بوشىتىش رولى بار. كەپە مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، سېمىز ئوتنىڭ ئاشقازان ئۈچەي يولىنى تازىلاش رولى بار، جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى ياكى تولغاقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سارچى ئىسسىقنى قايتۇرۇپ نەملىكنى ھەيدەيدۇ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدۇ، يەنە تېخى قاننى جانلاندۇرۇپ كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. 

چېچەكسەي

تەركىبىدە مول ۋىتامىن K، ئاقسېل، ياغ، قەنت، ۋىتامىن A، B، C   ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار كۆپ يەپ بەرسە تۇغۇتتىن كېيىن قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، ئاناسۈتى تەركىبىدىكى ۋىتامىن Kنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. چېچەكسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپلا قالماي، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە. ئۇ جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زۇكام، قان بۇزۇلۇش كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ يوپۇرمىقىنى سىقىپ شىرنىسىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ شەربەت ياساپ ئىچكەندە يۆتەل توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، كاناينى سىلىقلاپ ئاۋازنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولۇپلا قالماي، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش ئىچى قاناش، تېرە ئاستى قاناش ۋە يۇقىرىقى نەپەس  يولى ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك رېتسىپ ھېسابلىنىدۇ. 


قاپاق ھۈررىكقى

قاپاق ھۈررىكى يەنە قاپاق پورتمىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كىشىلەر كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات بولۇپ، تەركىبىدە مول ئاقسىل، كاربون-سۇ بېرىكمىلىرى، ۋىتامىن B1、B2、C ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، سېنك، سىللۇلۇزا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇپ سۈت كۆپەيتىش رولىغا ئىگە. قاينىتىپ سۈيىنى چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى سۇلۇق ئىششىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ كەرەپشە بىلەن قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى