ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا جىنسىي تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا جىنسىي تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-03-02 ئاۋاتلىقى: 751 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىناق ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەر-ئايال ھەر  قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلسا، بۇ ئۇلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ؟
ئەر-ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى ۋە تېببىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئەھۋالى مۇنداق تۆت خىل بولىدۇ: 1. ئەر-ئايال ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يۇقىرى پەللىگە چىقىش؛ 2. ئەر ئايالدىن بۇرۇن يۇقىرى پەللىگە چىقىش؛ 3. ئايال ئەردىن بۇرۇن يۇقىرى پەللىگە چىقىش؛ 4. ئەر يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ئايال يېتەلمەسلىك. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچ خىلدىكىسى جىنسىي تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك بىر جۈپلەر ھېسابلىنىدۇ. 4- خىلدىكىسى بولسا، جىنسىي تۇرمۇشتا ياخشى ماسلىشالمىغانلار قاتارىغا كىرىدۇ.
ئەر-ئايالنىڭ ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتىكى لەززەتلىنىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەر-ئايالنىڭ جىنسىي تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جىنسىي تۇرمۇشى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. جىنسىي تۇرمۇشتىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ لەززىتىدىن ئەر-ئايال تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشى، كۆڭۈل بۆلۈشى، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى--جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
ئەر-ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان تەلەپ، جىنسىي تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە باراۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاياللارنى پەس كۆرۈدىغان، ئەرلەر زومىگەرلىك قىلىدىغان ئائىلىلەردە كۆڭۈللۈك جىنسىي مۇناسىۋەت بولمايدۇ. جىنسىي تەلەپنى مەيلى قايسى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويسۇن، بۇ پۈتۈنلەي جىنسىي فىزىيولوگىيە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئەمما، جىنسىي ئالاقە چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى تارتقان شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بىر تەرەپنىڭ كۆڭلى ئارامىدا بولمىغان، سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان، روھىي كەيپىياتى جىددىي ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى قارشى تەرەپنى زورلىماسلىق كېرەك. بەزى ئەرلەردە «ئەرلىك ھوقۇقى» ئىدىيەسى بەك كۆچلۈك-بولغاچقا خوتۇنىنىڭ كۆڭلى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا جىنسىي ئالاقە ئېلىپ بارىدۇ. ئايالىنىڭ ھۇزۇرلىنىش-ھۇزۇرلانماسلىق بىلەن قىلچىمۇ كارى بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ھېچقانداق لەززىتى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارنىڭ جىنسىي ئېھتىياجى قانمىسا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جىنسىي تۇرمۇشقا قىزىقماس بولۇپ قالىدۇ، جىنسىي تۇرمۇش ئىقتىدارىمۇ چېكىنىپ كېتىدۇ.
2. قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئادىتى، جىنسىي قوزغىلىشىدىن تارتىپ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈچە بولغان تەرەققىيات جەريانى قاتارلىقلارنى ئوبدان كۆزىتىپ ، ئۆز-ئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەگەر يەنىلا ماسلىشالمىسا جىنسىي ساۋاتلارنىڭ كۆپرەك ئىگىلەش ، ئەر-تەرەپ ئامال بار جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئايالىغا بولغان جىنسىي غىدىقلاشنى كۈچەيتىپ، ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتىشقا تىرىشىشى كېرەك.

3. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى داۋاملىق كۈچەيتىش لازىم. مۇھەببەت جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنىڭ ئاساسى. بەزىلەر «ئۆي مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» دەيدۇ، شۇنچە يىل بىر ئۆيدە ياشىغان ئەر-ئاياللارنىڭ قىز-يىگىتلەردەك مۇھەببەتلىشىپ ئولتۇرامدۇ دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش پۈتۈنلەي خاتا. ئۆي مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى، گۈزەل ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى.
4. جىنسىي تۇرمۇش پەقەت فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەتلا بولۇپ قالماستىن يەنە روھىي پائالىيەت جەريانىدۇر. ئۇ ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشىنىڭ بىر خىل شەكلى. ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇر بولمىسا، جىنسىي تۇرمۇش تەلىپىمۇ كۈچلۈك بولمايدۇ، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدىكى ئىنكاسمۇ ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا، ئەر-ئاياللار تويدىن كېيىنكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشى، ئىلھام بېرىشى، يول قويۇشى، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، كەڭ قورساق بولۇشى، ئائىلىنىڭ ھەر قانداق ئىشىنى مەسلىھەت بىلەن قىلىپ تويدىن كېيىنكى ئىناقلىقىنى ساقلىشى، قارشى تەرەپنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىشى لازىم. نورمال تۇرمۇشتىكى ئىناقلىقنى ساقلىغاندىلا، جىنسىي تۇرمۇشتىكى ئىناقلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى