ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىرقى كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىش ھەققىدە

قىرقى كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىش ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-05-29 ئاۋاتلىقى: 647 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ داۋالاش
مەيلى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بولسۇن ياكى قىرقى ئىچىدە بولسۇن، كېسەل بولغان ھامان مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردىكى كەسپىي خادىملارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق كېسەلنى داۋالىتىش زۆرۈر.

2. ياخشى كەيپىياتنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش
ئاچچىقلانماسلىق، جىددىيلەشمەسلىك، كۆڭۈل-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، ئازراق ئويلىنىپ، پۇت- قولنىڭ ئىسسىق تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش، سوغۇق سۇنىڭ زىيان قىلىشىدىن ساقلىنىش، بەك ھېرىپ-چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك. قىرقى مەزگىلىدە ئالدىغا پۈكۈلۈش ھەرىكىتىنى ۋە بېشىنى يەرگە قويۇپ تىزلىنىپ پۇتىنىڭ ئۇچىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆپرەك ئىشلىگەندە، بالىياتقۇنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدا مۇقىم تۇرۇشىغا پايدىلىق؛ يەنە داس سۆڭىكى ئاستىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ مەقئەت قىسىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۇغۇتتىن كېيىنكى ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش كېرەك.
3. دەم ئېلىش ۋە ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش
تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇغۇتلۇق ئايال بەك ھېرىپ كېتىدۇ، شۇڭا، دەسلەپكى ئىكى كۈن ياخشى يېتىپ ئارام ئېلىشى كېرەك، گەرچە كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئالسىمۇ، ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈش، ئۇششاق ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك قىلىپ بېرىش زۆرۈر. ئورنىدىن تۇرۇپ چىش چوتكىلىسا، چوڭ- كىچىك تەرەتكە چۈشسە بولىدۇ، كارۋاتتىن چۈشۈش ئالدىدا، ئاۋال بىردەم ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، باش قېيىش ھېس قىلمىغاندا، ئاندىن چۈشسە بولىدۇ. ئەگەر تېنى ئەسلىدىنلا ياخشى بولسا، ھاردۇقى چىققاندىن كېيىنلا، يەنى تۇغۇتتىن 24 سائەت كېيىن تۇرۇپ كەتسە بولىدۇ. تۇرغاندىن كېيىنكى ھەرىكەت مىقدارى بارا- بارا كۆپەيتىلسە بولىدۇ. ئورنىدىن تۇرغان بىرىنچى كۈنى، ئەتىگەن كەچتە كارىۋات بېشىدا يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئولتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى كۈنى ئۆي ئىچىدە مېڭىپ يۈرسە بولىدۇ، كېيىنچە بارا- بارا ھەرىكەت مىقدارى ۋە ۋاقتىنى كۆپەيتسە بولىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى