ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قاتما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟(2)

قاتما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟(2)

ۋاقتى: 2016-05-15 ئاۋاتلىقى: 581 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

4. نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش: كېسەل بوۋاق كۆپ تارتىشىپ قېلىش سەۋەبلىك نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلارنى چىقىرىپ تاشلىيالمايدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئاسانلا بەلغەم توسۇلۇش سەۋەبىدىن كۆكىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كارىۋاتنىڭ يېنىغا قۇتقۇزۇش ئەسۋابلىرى مەسىلەن: ئوكسىگېن تۇڭى، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى، ھوشىغا كەلتۈرۈش ماشىنىسى، كانايغا كىرگۈزۈش نەيچىسى، كانايچىنى كېسىش ئەسۋابلىرى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ قويۇش لازىم . بوۋاقنى يانچە ياتقۇزۇش ئاجرالمىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق. كانايدىكى ئاجرالمىلارنى ۋاقتىدا سۈمۈرتۈپ چىقىرىۋېتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا كانايچىنى كېسىش ياكى نەيچە كىرگۈزۈش لازىم. ئوكسىگېن يىتىشمىگەنلىرىگە  ئادەتتە تۆۋەن قويۇقلۇق ئوكسىگېننى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرتكۈزۈش،  تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىرىگە ھوشىغا كەلتۈرۈش خالتىسى ۋە نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش لازىم. 


5. كىندىك قىسىمنىڭ پەرۋىشى: كىندىك قىسىمنى پاكىز ۋە قۇرغاق ساقلاش، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم %3لىك  ھىدرو پېروكسىد بىلەن يۇغاندىن كېيىن %2لىك يود تىنكتۇرىسى ياكى مېتىل نىترولغا %30لىك فزولوگىيەلىك تۇز سۈيى قوشۇپ سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن كىندىككە تېمىتىش ئارقىلىق دائىرلىك قاتما تاياقچە باكتېرىيىسىنى يوقۇتۇش، ئىشلەتكەن تېڭىق ماتېرىيالى ۋە پاختا مونەكچىسى قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك. 
6. تېرە ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پەرۋىشىنى كۈچەيتىش: كېسەل بوۋاق بەدىنىدىكى مۇسكۇللارنىڭ كۆپ تارتىشىپ قېلىشى نەتىجىسىدە نەتىجىسىدە كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇپ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ تەر مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ، قۇلاق كەينى، بويۇن، قولتۇق، جەينەك، قولنىڭ ئالقىنى، تېقىم قاتارلىقلارنىڭ قۇرغاق ھەم پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ۋاقتى ۋاقتىدا بەدەننى ئۆرۈپ تۇرۇش، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كاسسا قىسىم تېرىسىنىڭ ياخشى ئاسراش، زاكىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ئۇپىلاپ بېرىش ئارقىلىق كاسىسىنىڭ قىزىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. تاماقتىن پەرھىز تۇتقۇزغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ھەر كۈنى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. %5لىك سودا سۈيى ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئېغىزىنى چايقاش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
7. دوختۇرخانىدىن چىقىش كۆرسەتمىسى: ئائىلە باشلىقىغا غىزالاندۇرغاندا ئەستايىدىل بولۇشنى، ئوزۇقلاندۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا قوشۇشنى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تاپىلاش لازىم.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى