ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار(2)

ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار(2)

ۋاقتى: 2015-11-21 ئاۋاتلىقى: 717 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كاللا - پاقالچاق سۆڭەكلىرىنى قاينىتىپ تەرلىتىش ئۇسۇلى
  ئاياللار تۇغۇتلۇق جەريانىدا سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن ئاسانلا يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كاللا-پاقالچاق سۆڭەكلىرىگە ئاقمۇچ، پىلپىل، قەلەمپۇر قاتارلىق بىر قىسىم دورىلارنى سېلىپ قاينىتىپ، ھورىدا تەرلەنگەندە بالىياتقۇ ئىچىدە توختاپ قالغان قان، يۇقۇملىنىش، مىكروبلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.


    بۇ خىل ئۇسۇل مۇنداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ قاينىتىلغان سۇنى داسقا قۇيۇپ، داسنىڭ ئۈستىگە ئىككى تاختاينى قويۇپ، تۇغۇتلۇق ئايال يالىڭاچ ھالدا تاختاي ئۈستىگە ئولتۇرىدۇ. بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمى مەھكەم ئوراق قويۇلىدۇ. بىرەر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنى تەرلەپ ئۆزىنى ناھايىتى يېنىك، روھلۇق، جۇشقۇن ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنداق قىلغاندا تۇغۇت جەريانىدا بەدەندە ئۇيۇپ قالغان خۇن بەدەندىن ئاجراپ چۈشىدۇ، مىكروبلار ئۆلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بىخەتەر، ئىلمىي بولۇپ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىدە ئالاھىدە پايدىسى بار. ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا كاللا-پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رولى بارلىقىنى بايقاپ، بۇ ئارقىلىق تۇغۇتلۇق ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتقان. بۇ ئۇسۇل ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلماقتا.


 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى