ئېمىتىش لىپتىكىنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يانفوندا كۆرۈش
پۈتۈن يېپىقلىق، سۈت لاتىسىنى قويۇشقا ئەپلىك لىپتىكنى تاللاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا سۈت لاتىسى ئېقىپ چىققان سۈتنى سۈمۈرەلەيدۇ.
يېنىك، تەر سۈمۈرىدىغان، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان ماتېرىياللىق لىپتىكنى تاللاش كېرەك. ئاق رەڭنى ياكى پاختا رەڭنى ئاساس قىلسا بىر قەدەر مۇۋاپىق. خىمىيەلىك تەركىبلەردىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىپ بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىزمىسى ئالدىدا ياكى ئالدىنى ئاچقىلى بولىدىغان ئېمىتىش لىپتىكىنى تاللاش كېرەك.
ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن ئەمچەك ئېغىرلاپ كەتكەن بولسا، كەڭ تاسمىلىق لايىھەلەنگەن ئېمىتىش لىپتىكى تېخىمۇ كۈچلۈك تارتىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئەمچەكنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئېمىتىش لىپتىكىنىڭ ئىچىگە ئەڭ ياخشىسى باكتېرىيىگە ۋە پۇراققا قارشى ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، ئەمچەك توپچىسىنىڭ باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.