ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانچە ياشتىكى بالىلار سۈت ئىچسە بولىدۇ؟

قانچە ياشتىكى بالىلار سۈت ئىچسە بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 610 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قانچە ياشتىكى بالىلار سۈت ئىچسە بولىدۇ؟

سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەھلىلى: 

سۈتتە ئوزۇقلۇق مول، ئاسانلا ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلىدۇ، باھاسى مۇۋاپىق ،ئىشلىتىش قولايلىق بولۇپ، مۇكەممەل يىمەكلىككە يېقىنلىشىدۇ ،كىشىلەر «ئاق رەڭلىك قان»دەپ ئاتايدۇ. ئەڭ غايىلىك تەبىئىي يىمەكلىك، ئۇنىڭدىكى بارلىق بار بولغان ئىپتىدائىي ئوزۇقلۇق خاراكتېرىنى بولسا ھەر قانداق سۇنئىي ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. كالا سۈتىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى بىلەن مېنىرال ماددىلانىڭ تۈرى ئىنتايىن مول بولۇپ، بىز بىلىدىغان كالتىسىيدىن باشقا، فوسفور، سىنىك، تۆمۈر، مىس، مانگان قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىمۇ كۆپ. ھەر 100 گرام كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدە 87 گرام سۇ ،3.3 گرام ئاقسىل ،4 گرام ماي، 5 گرام كاربون سۇ بىرىكمىسى ،120 مىللىيگرام كالتىسىي، 93 مىللىيگرام فوسفور ،0.2 مىللىيگرام تۆمۈر،  140 خەلقئارالىق بىرلىك ۋىتامىن A 10.04 مىللىيگرام ۋىتامىن 1B،   0.13 مىللىيگرام ۋىتامىن 2B ،0.2 مىللىيگرام نىك كېسلاتاسى ،1 مىللىيگرام ۋىتامىن C بار. ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارى 69 مىڭ كىلوۋات. تېخىمۇ مۇھىمى،كالا سۈتى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى كالتىسىينىڭ كېلىش مەنبەسى، ھەمدە كالتىسىي فوسفور نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇپ،كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق.

ئادەتتە، 1 ياش ئىچىدىكى بالىلار ئەڭ ياخشىسى كالا سۈتى ئىچمەسلىكى كېرەك، چۈنكى كالا سۈتى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل، مېنىرال ماددا، ئاز مىقداردا تويۇنمىغان بىرىكمە ماي كىسلاتاسى ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولغاچقا، بالىلارنىڭ يۇمران ئۈچەي يولىدا ئاسان ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلمەيدۇ، ھەمدە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە كالا سۈتى سۈت ئاقسىلى سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن. 6 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنى ئاستا –ئاستا سۈت ئىچىشكە كۆندۈرۈش، ئالدىنقى شەرتى بولسا، بالا سۈت ئىچكەندىن كىيىن رېئاكسىيە ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى كېرەك. ئاۋۋال كىچىك بىر قوشۇقتىن باشلاش، ئاندىن تەدرىجىي سۈتنى پىشۇرۇپ دانلىق زىرائەتلەرنىمۇ قوشۇش كېرەك. بالا 2 ياشقا كىرگەندە، بالىغا قەرەللىك ھالدا سۈت ۋە سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك، بىر كۈندە تەخمىنەن 300~ 350 گرام بولسا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى