چوقۇم سۈنئىي سۈت ئېمىتىش زۆرۈر بولىدىغان ئەھۋاللار(2)
يانفوندا كۆرۈش
ئانا-بالا يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى
ئانا ھەرىكەتچان ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز كېسىلى ياكى چوڭ ھۈجەيرە ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا، ۋىرۇس ئانا سۈتى ئارقىلىق بوۋاقنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى چەكلەش، سۈنئي ئۇسۇلدا ئېمىتىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك.
مېتابولىزم كېسەللىكلىرى
ئانا قالقان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش ياكى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، دورا ئىشلىتىۋاتقان ياكى بىر ئۆمۈر دورا يېيىشكە توغرا كەلگەندە، بالىنىڭ قالقانسىمان بېزىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشكە بولمايدۇ. ئانا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتىشكە بولمايدۇ، قايسى ۋاقىتتا ئېمىتىشكە بولىدىغانلىقنى دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بېكىتىش كېرەك. ئانا ئۆزگىرىشچان دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋاقىتتا بالىنى ئېمىتسە ئاسانلا ناھايتى ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا شۈك بولۇپ قالىدۇ.