ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ تۇرمۇشتىكى تەدبىرلىرى

ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ تۇرمۇشتىكى تەدبىرلىرى

ۋاقتى: 2016-07-04 ئاۋاتلىقى: 591 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ تۇرمۇشتىكى تەدبىرلىرى

1. ئانا سۈتىنى بالدۇر بېرىش - سۈت مىقدارى يېتەرلىك بولۇش: ئانا سۈتىنى بېرىش قانچە بالدۇر باشلانسا ، ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، باشتىكى بىر نەچچە كۈندىكى سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. چۈنكى بالا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى 7-2 كۈنى سۈت چىقىرىلىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، سۈتنىڭ ئازدىن كۆپىيىش باسقۇچى بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە ، بوۋاقنى ئېمىتىشنى كەينى-كەينىدىن داۋاملاشتۇرغاندا، ئانا سۈتى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.

2. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولۇش، كۆپ خىل بولۇش، مول بولۇش: ئانا سۈتى ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ئۇزۇقلۇقتىن كېلىدۇ، شۇڭلاشقا سۈت ئېمىتىۋاتقان ئانىلار يىتەرلىك ئوزۇقلىنىشى كېرەك، شۇندىلا ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق مول بولىدۇ. يىمەكلىك تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا يىمەكلىك تەركىبىدە يەنە يېتەرلىك ئېنىرگىيە ۋە سۇ، كالتسى، تۆمۈر ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلار بولۇشى كېرەك. ئىمىتىۋاتقان ئانا يېمەكلىك تاللىماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇ دەۋردە ئانىلار ھەر كۈنى قارا ئاشلىقتىن 500 گىرام، كالا سۈتىدىن 250 مىللىلېتىر، توخۇ تۇخۇمىدىن ئىككى تال، كۆكتاتتىن 500 گىرام، مېۋە 250 گىرام، ماي 50 گىرام ھەمدە يېتەرلىك گۆش ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئېنىرگىيەنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ زىيادە سۇيۇق بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سۈت ئىمىتىۋاتقان ئانىلار سۈت ئېمىتىش مەزگىلىدە سۇنى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى يېتەرلىك مېنىرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلارغا ئىھتىياجلىق. ۋىتامىن Dنىڭ كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى تەڭشەش رولى بولۇپ،بۇ بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ سىنىك بولسا 50 نەچچە خىل ئېنزىمنى تۈزگۈچى تەركىب، كەم بولغاندا بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال تەرەقىي قىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. سۈت ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىتامىن B1 نىڭ قۇبۇل قىلىنىشى 5 ھەسسە بولغاندىلا ئاندىن سۈت تەركىبىدىكى مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ۋىتامىن B2、Bl2 ھەمدە ۋىتامىن C、E قاتارلىقلارنىڭمۇ قوبۇل قىلىنىشى كۆپەيتىلىشى كېرەك. سۈت ئېمىتىۋاتقان ئانىلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

3. كۆڭۈل ئازادە بولۇش سۈت ئېمىتىش ئوڭۇشلۇق بولۇش: ئانىلار ئامال بار ئازادە، كۆڭۈللۈك كەيپىياتىنى ساقلىشى، ئائىلە ئەزالىرى، بولۇپمۇ دادا بۇلغۇچى ئايالىغا ئازادە مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

4 . ھىرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش: ھامىلدار ئانىلار تۇغۇتىدا نۇرغۇن روھى ۋە قۇۋىتىنى خوراتقاچقا، بىر مەزگىللىك ئەسلىگە كىلىشكە ئىھتىياجلىق.لېكىن ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن سۈت ئېمىتىۋاتقان ئانىلار يېتەرلىك ئارام ئېلىشقا ئىگە بولالمايدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى