ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ ئۆسۇپ-يېتىلىشىگە زىيانلىق ئامىللار

بالىلارنىڭ ئۆسۇپ-يېتىلىشىگە زىيانلىق ئامىللار

ۋاقتى: 2015-11-11 ئاۋاتلىقى: 657 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەتىگەنلىك ناشتىغا سەل قاراش: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە ئەتىگەنلىك ناشتىدا يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىدىغان بالىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى ئەڭ ياخشى تەپەككۈر قىلىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزاقراق بولىدىكەن. ئەتىگەنلىك ناشتىدا قۇۋۋەتسىز تاماق بىلەن غىزالانغان ياكى تاماق يېمىگەن بالىلارنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. بالىلار ئۈزۈن ۋاقىت ئەتىگەنلىك تاماق يېمىسە، چوڭ مېڭىنىڭ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىنىشى زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۈچراپ، بالىلاردا ئەقلىي قابىليەتنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە تەپەككۈر قىلىشنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
تاماق تاللاش: بالىلار ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە تۇرغاچقا بىر نەچچە خىل تاماقنى ئۈزۈن ۋاقىت ئىستېمال قىلىۋەرسە، چوڭ مېڭىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
چاچنى ئۇزۇن قويۇش: ئادەم چېچىغا كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى باش قىسىمىدىن كېلىدۇ. لېكىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەدەننىڭ مېڭىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىشى چەكلىك بولىدۇ. شۈنىڭ ئۈچۈن ئەگەر چاچ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئوزۇقلۇق كۆپلەپ خوراپ كېتىپ، مېڭىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بېرىپ، مېڭىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىنى تەسىرىگە ئۈچرىتىپ، ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل قەۋزىيەت بولۇش: چوڭ تەرەتنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى ئۈزىراپ كەتسە زەھەرلىك ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ زەھەرلىك ماددىلار جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئارتۇق قىسمى قان ئايلىنىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ چوڭ مېڭىگە كىرگەن زەھەر مەركىزى نېرۋىنى زەھەرلەپ، چوڭ مېڭىنىڭ پوستىلاق قەۋىتىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
سازاڭسىمان مەددە قۇرتنىڭ تەسىرى: ئەنگىلىيە ئالىملىرى يېقىندا سازاڭسىمان مەددە قۇرتنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلى-پاراسىتىنىڭ يېتىلىشىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار سازاڭسىمان مەددە قۇرت بالىلارنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، ئەسلەش ئاڭلاش ۋە تېز ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تېكەس ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشتىن: مۇتەللىپ ياقۇپ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى