قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىنىڭ قانداق ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بولىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە ئېغىر بولمايدۇ، كۆپىنچە بىمارلارغا داۋالاش ئېلىپ بارمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ساقىيىدۇ. قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى ئادەتتە 7-10 كۈنگىچە پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچرىمايدۇ. ناھايىتى ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا باكتېرىيەسىز ياكى ۋىرۇسلۇق مېڭە پەردە ياللۇغى كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى بولسا، قىزىش، باش ئاغرىش، بويۇن ۋە مۈرە ئاغرىش. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى ياكى مېڭە پەردىسى ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغىغا ئوخشاش قول-پۇتلارنىڭ پارالىچ بولۇپ قېلىشى، زىيادە سېزىمچانلىق خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ قاتارلىقلار، كۆپىنچە كېسەل يۈز بېرىپ 2-5 كۈن ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ھاياتىقا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن، پەقەت يۈز مىڭدىن بىر ياكى نەچچە ئونمىڭدىن بىر.