ئانا ھەققىدە يەنە بىر ھېكايە
ۋاقتى: 2014-03-08
ئاۋاتلىقى: 639 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تەرجىمە قىلغۇچى: يۈسۈپجان ئەخمەت
ئۇخلاشقا تەمشىلىپ كارىۋاتقا چىقىپ سائەتنى توغرىلماقچى بولۇپ قارىسام سائىتىم توختاپ قاپتۇ. ئەسلىدە باتارىيەسى تۈگىگەن ئىكەن. بۇنچە كەچتە سىرتقا چىقىپ باتارىيە سېتىۋېلىشقا ئېرىندىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتتا قار يېغىۋاتاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئانامغا تېلېفون قىلدىم:
ـــ ئانا، سائىتىمنىڭ باتارىيەسى تۈگەپ قاپتۇ، ئەتە ئەتىگەندە ئىشقا كىچىكىپ قالسام بولمايدۇ، ئەتە ئەتىگەن سائەت بەشتە تېلېفون قىلىپ مېنى ئويغىتىپ قويغىن!
ئانام ئۇخلاپ قالغان بولسا كېرەك، ئاۋازى بوغۇق ھەم جانسىز چىقىۋاتاتتى:
ـــ بولىدۇ، قوزام، خاتىرجەم ئۇخلا!
تېلېفونۇم سايرىغان ۋاقىتتا شۇنداق شېرىن چۈش كۆرۈۋاتاتتىم، سىرتمۇ قاراڭغۇ ئىدى، ئانام:
ـــ بالام ئورنۇڭدىن تۇر، خىزمەتكە كىچىپ قالما، ناشتا قىلىشنى ئۇنۇتما، ـــ دەپ تېلېفون قىلغان ئىدى. تېلېفوننى قويۇپ قول سائىتىمگە قارسام تېخى يېرىم سائەت ۋاقىت بار ئىكەن.
ـــ مەن سېنى بەشتە ئويغات دېمىگەنمىدىم، نېمانداق بالدۇر تېلېفون قىلدىڭ؟ ئادەمنى خاتىرجەم ئۇخلىغىلى قويماي، ـــ مەن غۇدۇراشقا باشلىدىم.
ئەمما ئانام بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. تېلېفوننى قويۇپ داۋاملىق غودۇرغىنىمچە يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ بېكەتكە قاراپ ماڭدىم. بېكەتتە ياشانغان بىر جۈپ ئەر-ئايال تۇراتتى، بوۋاي مومايغا:
ـــ قارا، بىر كېچە خاتىرجەم ئۇخلاتمىدىڭ ئادەمنى، مانا ساقلىغىلى نەۋاخ، ـــ دەپ تەنە قىلىۋاتاتتى.
دېمىسىمۇ بىرىنچى قېتىملىق ئاپتۇبۇس كىلىشكە يەنە ۋاقىت بار ئىدى، ماشىنا ئاخىرى كەلدى، شوپۇر بولسا ياش بىر يىگىت بولۇپ، ماشىنىغا چىقىشىم بىلەنلا ئۇ ماشىنىنى ئاستا قوزغىتىپ ھەيدەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا:
ئۇستام، ئاۋۇ ئىككىيلەن ماشىنا ساقلىغىلى خېلى بولغان ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرت شۇنداق سوغوق، نېمىشقا ئۇلارنى ماشىنىغا ئالمايلا كېتىسىز؟ ـــ دەپ سورىدۇم. شوپۇر يىگىت ئېغىر ئاۋازدا:
ـــ ئۇلار مېنىڭ ئاتا-ئانام، مېنىڭ بۈگۈن ئىشقا چىققان تۇنجى كۈنۈم ئىدى، ئۇلار مېنى كۆرگىلى كەلگەن، ـــ دېدى.
كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى، تېلېفونومنىڭ سايرىغان ئاۋازى دىققىتىمنى بۆلدى. دادامدىن كەلگەن ئۇچۇر ئىكەن، ئۇچۇردا ‹‹بالام كەچۈرگىن، ئاناڭ كېچىچە پەقەت خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدى، شۇڭلاشقا بىر ئاز بالدۇر تېلېفون قىلىپ قويۇپتۇ›› دېيىلگەنىدى. ياشلىرىم تېخمۇ ئۇلغىيىشقا باشلىدى.
Tags: ئانا-بالا