ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(13)
ۋاقتى: 2016-02-04
ئاۋاتلىقى: 609 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
13. ئۇسۇل: بالىغا بۇرۇنراق دانلىق زىرائەت، قارا ئاشلىق بېرىش
بالا 4 ئايلىق بولغاندا گۈرۈچ تالقىنى ئىچسە، ئۇنىڭدىن چوڭراق بولغاندا چوڭلار بىلەن ئوخشاش تاماق يېسە، بالا چوڭ بولغاندا تاماق تاللىمايدىغان بولىدۇ. بۇرۇنراق چوڭلار بىلەن ئوخشاش تاماق يېيىشنى باشلىسا بالىلارغا پايدىسى زور. مېنىڭ بالامغا 6 تال چىش چىققاندا دوختۇرۇم بالاڭ مۇشۇ چىشلىرى بىلەن كۆپ نەرسىلەرنى يېيەلەيدۇ، ھەرقانداق نەرسىنى بەرسەڭ، ھەرقانداق نەرسىنى يېسە بولىدۇ دېگەن ئىدى.