ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىلىم بىزگە ئاش-ناندىنمۇ زۆرۈر(2)

ئىلىم بىزگە ئاش-ناندىنمۇ زۆرۈر(2)

ۋاقتى: 2016-03-28 ئاۋاتلىقى: 863 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 
مۆھتەرەم بوۋاي گېلىنى قىرىپ قويۇپ:
ــ جان قوزام، قۇلاق سېلىپ ئاڭلا! ـــ دېدى ۋەزمىن ئاھاڭدا،ـــ خەلقمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئىلىم ئارقىلىق قۇدرەت تېپىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، ھەرقانداق قىلىپ بولسىمۇ پەرزەنتلەرنى ئىلىملىك قىلىپ تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە يادىكار قالغان ئىدىقۇت، كروران، بەشبالىق، ئالمالىق، بالاساغۇن، كاشىغەر قاتارلىق قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىنى، بېزەكلىك، قىزىل، قۇمتۇرا مىڭئۆيلىرىنى ۋە نۇرغۇن قەدىمىي ئىزلارنى، قەبرىستانلىقلاردا بايقالغان ئاسارئەتىقىلەرنى بۇنىڭغا پاكىت قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز. بۇلارغۇ سەلتەنەت سۈرۈش، ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ۋە خەلقنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتى ۋە ئېھتىياجىدىن بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن ئىبارەت. شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى بالام، بىز مىللەتنىڭ مەرىپەتلىك بولۇشنىڭ بەلگىسى يېزىق ئىجاد قىلىش ۋە ئۇ يېزىق بىلەن ئۆزلىرى ياراتقان ۋە بايقىغان ئەقلىي تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى خاتىرىلەپ كىتاب قىلىپ پۈتۈشتىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ نەسلى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان مىللەت ۋە خەلقلەردىن روشەن ھالدا ئالغا كەتكەن مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. بۇنىڭدىن 1300 يىللار ئىلگىرى ئورخۇن-سېلىنگا دەريالىرى ۋادىسىغا تىكلەنگەن مەڭگۈتاش يادىكارلىقلىرى خەلقىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى  مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەڭ روشەن دەلىللەرنىڭ بېرىدۇر. ئۇنىڭدىكى دەبدەبىلىك ۋە جاسارەت بىلەن ئېيتىلغان خىتابلار، ھايات-ماماتلىق ھاكىمىيەت قارىشى بىزنى ھەر دائىم چەكسىز ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ؛ مىلادىيە 9-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا مەيدانغا كەلگەن ھەرخىل يازما يادىكارلىقلار ۋە دۇنياۋى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىمۇ بىزگە ناھايىتى زور مەنىۋى قۇدرەت بېغىشلايدۇ؛ قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقىدا مەيدانغا كەلگەن دۇنياۋى تۇنجى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق نەمۇنىسى 《تۈركىي تىللار دىۋانى》ۋە ئالەمشۇمۇل قۇدرەتكە ئىگە دىداكتىك-پەلسەپىۋى ئەسەر《قۇتادغۇبىلىك》، ئىلىملىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان 《ئەتەبەتۇلھەقايىق》قاتارلىق ئەسەرلەر خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە بولغان ھېرىسلىقى ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك روھىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىدۇ؛ 15-ئەسىردە ئەلشىر نەۋايى، بابۇر ۋەكىللىك قىلغان مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى، مەشرەپ، ئەرشى، نىزارىلار ۋەكىللىكىدىكى مەرىپەتچىلىك ئېقىم تەرەپدارلىرى بىزنى خەلقىمىزنىڭ مەرىپەتچىلىك ۋە ئىلىم سۆيەر روھىدىن ھەر ۋاقىت خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ...

ـــ خەلقىمىز پارلاق ئىلىم-پەن روھىغا ئىگە بولۇپ، تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئىلىم-پەن گىگانتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان،ـــ دېدى بوۋاي بايىقى سۆزلىرىنى كۈچەيتىپ، ــــ مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، خارەزمى، ئىبن سىنا قاتارلىق ئىلىم-پەن گىگانتلىرى دۇنيا ئىلىم-پېنىگە زور تۆھپە قوشقان. ئۇيغۇر خەلقى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەن ۋە شەھەر ھاياتىنى باشلىغان، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاممىباب ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان. تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، سۇ قۇرۇلۇشى، ھەرخىل پىششىقلاپ ئىشلەش بۇيۇملىرى، تېببىي ئىلىم ۋە باقا ساھەلەردە خېلى زور نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. خەلقمىز بالا تۇغۇلۇپ يەتتە ياشتىن باشلاپ مەكتەپكە بېرىپ ئىلىم ئۆگىتىشنى ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ بىلگەن، ئو بەش ياشتىن ئون سەككىز ياشقا كىرگۈچە ئىلىمنىڭ ھەممىسىدە كامالەتكە يېتىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە مۇشۇنداق كامالەت ئىگلىرىنى يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان، ئۇلارغا ئەگەشكەن. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە دائىم ...:《خانىشىنىڭ كۆزى يورۇپ، ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار بىر ئوغۇل يەڭگىپتۇ...بالا يەتتە ياشقا كىرىپتۇ ۋە ئون بەش يېشىغىچە ھەممە ئىلىمنى ئۆگىنىپ بوپتۇ، ئەلەم ماھارىتى بىلەن ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ئون سەككىز ياشقا كىرگۈچە قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ كامالەتكە يېتىپتۇ....》دېگەن تەپسىلاتلارنى دائىم ئۇچرىتىمىز. مانا بۇ خەلقىمىزدە ئىلىم-پەن روھىنىڭ يىلتىزىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. خەلقىمىز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئىلىم گىگانتلىرىمۇ ئىلىم ئۆگىنىش، ئىلىملىك ئادەم بولۇش ھەققىدە كۆپلىگەن دۇردانىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشىغەرىي، ئەھمەد يۈكنەكىيلەر ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر ئىزاھلاپ كۆرسىتىپ بەرگەن.
بوۋاي سەل ھاياجېنىنى بېسىۋېلىپ، چايدىن ئازراق ئىچىپ گېلىنى نەمدىۋالدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
ـــ جېنىم بالام، خەلقىمىز ئەنە شۇنداق ئىلىم روھىغا باي خەلقلەرنىڭ بىرى. خەلقىمىزنىڭ ئىلىم-مەرىپەت روھى بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ئۇدۇم بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، ئىلىم دېگەن نېمە؟ ئىلىم-بىلىش دېمەكتۇر، ئىلىمنىڭ پەزىلەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەقىل بىلەن بىلىش مۇمكىن بولۇپ، ئۇ ھەقتە قەدىمدىن ھازىرغىچە يېزىلغان كىتابلاردا ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا ئۇچۇرلار بېرىلگەن. ئىلىم سايىسىدە ھەقىقەتنى تونۇش، ئەبەدىي بولغان ھاياتقا ئېرىشىش، دائىم بەخىتسىزلىكتىن خالاس بولۇش مۇمكىندۇر ۋە ئىلىم سەۋەبلىك ھەر كىم ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىدۇ، باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلمايدۇ. ئىلىم روھ لەززىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىككىنچى بىز لەززەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىلىمنىڭ ئۆزى لەززەتلىك نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن لەززەتلىك نەرسىلەرگىمۇ سەۋەبچىدۇر. ئىنساننى ئەڭ بۈيۈك مەرتىۋىلەرگە ئېرىشتۈرگەن ۋە ناملىرىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان نەرسە ئىلىمدۇر. ئىلىم مەرتىۋىسى مۇستەھكەم مەرتىۋە بولۇپ، يوقىتىلىش، بىكار قىلىنىش خەۋپى بولمايدۇ. ئىلىم ئىزتىراپ ۋاقتىدا سىرداش، غۇربەتتە يولداش، خىلۋەتتە قولداش، دۈشمەنلەرگە قارىشى تۇرغۇچى ئىشەنچلىك بىر قۇرالدۇر. ئىلىمدىن ئارتۇق بايلىق، نادانلىقتىن ئارتۇق پېقىرلىق يوقتۇر. ھەقىقىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن قېتىرقىنىپ بىلىم ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىز ئىلىم ئىگىلەش ئارقىلىق تۇغما ئەقىل-پاراسەتنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزەلەيمىز، ئادەمگە خاس ئۈستۈن خاراكتېر يېتىلدۈرەلەيمىز.
ئىلىم ئلىمگە ئىنتىلگۈچىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى، ئادىمىيلىك خاراكتېرنىڭ ئېھتىياجىدۇر، ئادەم تەبئىي ئىقتىدار بىلەن تۇغۇلىدۇ ۋە ئۇزۇن مۇددەت قېتىرقىنىپ ئىلىم ئىگىلەش ئارقىلىق تەدرىجىي ۋايىغا يېتىدۇ. ئىلىم مەشئىلى بىلەن ئەقلىنى يورۇتۇپ، ئىنسانغا خاس روھ ۋە خاراكتېردە ئۆسۈپ يېتىلىش 
ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ. ئەي كۆز نۇرۇم بالام، ئىلىم دەۋرنىڭ ئەڭ جانلىق ئىنكاسى سۈپتىدە كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىپ باردى ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىنسانلار ئوتنى بايقىغان كۈندىن تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ قۇدرىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئىنسانلار ئۆز ئەقىل بۇلىقىنى قېزىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، زامانلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىلىم ۋە تەجرىبىلەر توپلىنىپ يەنە دەۋر تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلار بىر دەۋردىن يەنە بىر دەۋرگە يېڭىچە روھ ۋە قىياپەتتە قەدەم قويۇشقا باشلىدى. ئېلىكتېر توكىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى غايەت زور يۈكسىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار يۈكسەك ئەقلىيلەشكەن ئۇچۇر دەۋرىدە تۇرماقتا. مانا بۇ تەرەققىياتلار ئىلىمنىڭ ھەقىقىي قۇدرىتىنى بىزگە نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىلىم ئەنە شۇنداق مەنىۋى قۇدرىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى.
مۆھتەرەم بوۋاي بىلقۇتجاننىڭ ئىنكاسىنى بىلمەكچى بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدى. بىلقۇتجاننىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن گېپىگە قۇلاق سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەمنۇنلۇقى ئاشتى- دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
ـــ ھەي ئەزىز بالام، ئىلىمنىڭ تەرىپى ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ، قىسقىسى، ئىلىم ئىنسان ئۈچۈن ئاش-ناندىنمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى، قورساق تويغۇزۇش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ماددىي ئېھتىياجنىڭ تەقەززاسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىنى بىر نەرسە يېيىش ئارقىلىق تولۇقلاپ كېتىشنى ھايۋانلارمۇ بىلىدۇ. ھالبۇكى، ئىلىم ئىگىلەش، ئىلىم ئارقىلىق روناق تېپىش، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خۇسۇسيىتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش، سۈپەتلىك ياشاش مۇھىتى يارىتىش ئىساننىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. ئىنسان مان بۇ مەقسەت ۋە نىشانلىرىغا قېتىرقىنىپ ئىلىم ئىگىلەش يولى ئارقىلىقلا يېتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە قورساق تويغۇزىدىغان ئاش-ناندىنمۇ ئىلىم زۆرۈر دەپ قارايمىز. ئاش-ناننى تىرىكچىلىك يولى بىلەن تېپىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئىلىمنى قېتىرقىنىش، ئىجتىھات قىلىش يولى بىلەنلا قولغا كىرگۈزگىلى بولىدۇ.مۇمكىن بولسا مېنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرىمنى ئەقىل تارازاڭدا دەڭسەپ كۆر ۋە ئىجتىھات بىلەن ئىلىم ئىگىلەش، ئىلىمدە كامالەت تېپىش يولنى تۇت. شۇنداق قىلساڭ، ئىلىم ساڭا خاسىيەت، يۈكسەك مەرتىۋە، ئەڭ مۇھىمى ئۇلۇغۋارلىق، يۈكسەك ئىنسانىي خاراكتېر ۋە سۈپەتلىك ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ...
بىلقۇتجان ئىلگىرى ئىلىم ئۆگىنىشنى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇش، بەلگىلەنگەن دەرسلىكلەردىكى بىلىملەرنى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆگىنىش ۋە دەرىستىن سىرتقى بەزى ماتېرىياللارنى ئوقۇپ قويۇش دەپلا چۈشەنگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ بۇ چۈشەنچىسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇ بوۋىسىنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى دۇردانىلىرى، ئىلىم ئىگىلەشنىڭ خاسىيىتى ۋە ئىلىملىك بولۇش تەجرىبىلىرىنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش قارارىغا كەلدى.
ـــ جېنىم بوۋا،ـ دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا،ـــ ئىلىم توغرىسىدىكى سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ چولتا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭرەك سۆزلەپ بېرىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ــــ بالام، س  ەن تېخى كىچىك،ـــ بوۋاي بىلقۇتجاننى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى، ــــ سەن تازا تەربىيەلەيدىغان، دىلىڭغا ئىلىم نۇرى راسا تەسىر قىلىدىغان باسقۇچتا تۇرۇۋاتىسەن. مانا مۇشۇ چاغدىن باشلاپ سېنىڭ قەلبىڭدە ئىلىمگە ھېرىسلىق قوزغالسا، كېيىن چوقۇم ئىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا چىقىشىڭدا مەسىلە يوق. مەن سېنىڭ مانا مۇشۇ پەسلىڭنى چىڭ تۇتۇپ، دىلىڭغا ئىلىم روھىنى سىڭدۈرمەكچىمەن...!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى