كىچىك بالىلاردىكى قورسىقى كۆپۈپ ئىچى سۈرۈشنى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش
يانفوندا كۆرۈش
يېسسمۇق قېرىنقۇلاق شورپىسى
ماتېرىيال: ئاق يسسىمۇق 20-40 گرام، قېرىنقۇلاق 15 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاق يسسىمۇق، قېرىنقۇلاق ئۈستىگە ئىككى چىنە سۇ ئېلىپ قاينىتىپ 25 مىنۇتتىن كېيىن شورپىسىنى ئالىمىز.
ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: كۈندە ئۈچ ۋاق، ئىلىمان ھالەتتە ئىچىلىدۇ.
تەسىرى: ئىسسىقنى ھەيدەپ ھۆللۈكنى تەڭشەيدۇ.
ئاساسلىق داۋالاش دائىرىسى: كىچىك بالىلاردىكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ ئۆپكە ياللۇغىنى، تەرسىز قىزىش، ئىچى سۈرۈپ ياندۇرۇش، ئاشقازىنى كۆپۈپ ئاغرىش قاتارلىقلار.
ئاق يسسىمۇق تالنى جانلاندۇرۇپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ. قېرىنقۇلاق بىلەن بىرگە ئىشلەتكەندە، ھەم ئىسسىقتىن بولغان قىزىشنى يوقىتىپ، تاماقنى ھەزىم قىلدۇرۇپ مىجەزنى تەڭشەيدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ يۇقۇملىنىش ۋە نەم ئىسسىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.