ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىسىل شەربەت-كۆكتات يوپۇرمىقى شەربىتى

ئىسىل شەربەت-كۆكتات يوپۇرمىقى شەربىتى

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 835 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش



ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: تۆت ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار.
خۇرۇچلار: يېڭى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتتىن 200 گرام ( پالەك، قىچا، يېسىۋىلەك قاتارلىقلارنىڭ قايسى بولسا بولىدۇ). 
تەييارلاش ئۇسۇلى: 
1. كۆكتاتنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن يېرىم سائەت سۇغا چىلاپ قويىمىز. ئۇنى سۈزۈۋېلىپ ئۇششاق چانايمىز. 
2. قازانغا بىر چىنە سۈزۈك سۇ قۇيۇپ، قاينىغاندىن كېيىن چانالغان كۆكتاتنى سالىمىز، تۇۋاقنى ھىم يېپىپ يەنە بەش مىنۇت قاينىتىمىز. 
3، قوشۇق بىلەن كۆكتاتنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىمىز، ئاندىن تۇزىنى تەڭشەپ ئالساقلا بولىدۇ. 
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن ۋە فولىك كىسلاتاسى مول بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردىن كۆكتات شەربىتى تەييارلاپ بوۋاققا ئىچكۈزگەندە، بوۋاقنىڭ يېتەرلىك بولغان كالتىسىي، تۆمۈر ۋە ۋېتامىننى قوبۇل قىلىشىغا ياردىمى بولىدۇ. تەييارلىغاندا كۆكتاتنىڭ يوپۇرمىقىنىلا ئىشلىتىش، غولىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كۆكتاتنى چاناش ۋە سۇدا قاينىتىپ پۇشۇرۇش كېرەك. كۆكتات شەربىتىنى تەييارلىغان ۋاقىتتا، ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى