ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىسلامدىكى ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيە مەسئۇلىيىتى

ئىسلامدىكى ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيە مەسئۇلىيىتى

ۋاقتى: 2015-10-30 ئاۋاتلىقى: 602 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

زىممىسىگە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس يۈكنى يۈكلىگەن ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! ناۋادا ئۆز مەسئۇلىيىتىڭگە پەرۋاسىزلىق قىلىپ، ئەۋلادىڭنى لايىقىدا تەربىيىلىمەي تاشلاپ قويساڭ، بۇنىڭ جازاسىنى قوشلاپ تارتىپ قېلىشىڭدىن، بۇ قىممەتلىك گۆھەرنى تاشقا ئۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن قاتتىق جازاغا ئۇچراپ قېلىشىڭدىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەتتىن بىر ھەسسىسىنى جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىشىڭدىن قورقىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋلاد تەربىيەلەشنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرغان.
بۇ ھەقتە مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:"سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، سىلەر ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلاردىن سوراق قىلىنىسىلەر. پادىشاھمۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پۇقرالىرىدىن سورىلىدۇ. ئايال كىشىمۇ پادىچى، ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە بالا-چاقىلىرىدىن سورىلىدۇ. خىزمەتچىمۇ پادىچى، ئۇ خوجايىنىنىڭ مال-مۈلكىدىن سوراق قىلىنىدۇ. سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، ئۆز پاراڭلاردىن قىلىنىسىلەر."
ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرزەنتلەرنىڭ دىنىدا چوڭ بولۇشىدا ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلىش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئاساسىي پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


ئىمام بۇخارى ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:"ئاللاھ ھەربىر ئىنسان ئەۋلادىنى ئاللاھنى تونۇشتىن ئىبارەت توغرا ئەقىدە ئۈستىدە يارىتىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي قىلىدۇ، يا خىرىستىئان ۋە ياكى مەجۇسىي قىلىدۇ. بۇ خۇددى ھايۋان بالىسىنىڭ تۇغۇلۇپ-يېتىلىشىغا ئوخشايدۇ. ھايۋان بالىسى ھەممە ئەزاسى ساق تۇغۇلىدۇ، ئەمما سىلەر ھايۋانلارنىڭ ئادەملەر تەرىپىدىن قۇلاقلىرى يېرىلىپ، بۇرۇن ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ كېسىلگەنلىكلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇسىلەر."ئەبۇھۇرەيرە يۇقىرىقى ھەدىسنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ:【ئاللاھنىڭ دىنىغا(ئەگەشكىنكى)ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر】دېگەن ئايىتىنى تىلاۋەت قىلغان.
ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىلارنى ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەشكە بۇيرۇپ، ھەم ئۇلارغا ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلەپ مۇنداق دېدى:«ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا–چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاقتىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ»
«ئۆزەڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى... دوۋزاقتىن ساقلاڭلار»دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ:«بۇ:"ئۆزەڭلار ۋە بالا-چاقىلىرىڭلارغا ياخشىلىقنى ئۆگىتىڭلار"دېگەنلىكتۇر»دېگەنلىكنى رىۋايەت قىلىنغان (ھاكىم ئۆزىنىڭ مۇسنەد دېگەن كىتابىدا كەلتۈرگەن). بۇ ھەدىس ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇندۇر.
ئىمام فەخرى رازى «ئۆزەڭلارنى ساقلاڭلار» دېگەننى ئايەتنى: «يەنى ئاللاھ توسقان ئىشتىن يېنىش ئارقىلىق ئۆزەڭلارنى قوغداڭلار»دەپ تەپسىر قىلغان. مۇقاتىل بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە تەربىيە قىلىشى، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشى كېرەك»
«ئەلكاششاف» ناملىق تەپسىردە: «ئۆزەڭلارنى ساقلاڭلار» دېگەنلىك، ئۆزەڭلار گۇناھ ئىشلارنى تاشلاش، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئائىلەڭلاردىن خۇددى ئۆزەڭلاردىن ھېساب ئېلىنىدىغاندەك ھېساب ئېلىپ تۇرۇڭلار دېگەنلىكتۇر» دەپ تەپسىر قىلىنغان.
ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە ئەۋلادلارنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىش، ئۇلارنى ياخشىلىققا يېتەكلەش ۋە ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچنى سەرپ قىلىش، ھەم بۇنىڭدا ئىزچىل بولۇش كېرەك. ئىسلام تارىخىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىنى ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
ئىمام نەۋەۋىي «ئارىفلارنىڭ بوستانى» دېگەن كىتابىدا ئىمام شافىيئىدىن فۇزەيلىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:«ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالام: «"ئى پەرۋەردىگارىم! سەن ئوغلۇمغا خۇددى ماڭا بولغاندەك بول" دېگەندە، ئاللاھ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا: "ئى داۋۇد! سەن ئوغلۇڭنىڭ خۇددى سەن ماڭا بولغاندەك بولۇشىنى ئېيتقىن، ئاندىن مەن ئۇنىڭغا ساڭا بولغاندەك بولىمەن"دېگەن.»
ئىمام غەزالى ئۆزىنىڭ «ئى ئوغۇل» دېگەن رىسالىسىدە: «بالا تەربىيەلەش خۇددى دېھقاننىڭ ئىشىغا ئوخشايدۇ. زىرائەتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن، باغۋەن زىرائەت ئارىسىدا ئۈنگەن ياۋا ئوت ۋە تىكەنلەرنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىدۇ» دېگەن.
ئىمام ئىبنى قەييۇم بۇ مەسئۇلىيىتىنى بايان قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك ناھايىتى پايدىلىق سۆزلەرنى قىلدى: «بەزى ئالىملار: "ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بالىدىن دادىسىنى سوراشتىن بۇرۇن دادىسىدىن بالىسىنى سورايدۇ" دەيدۇ.» ئاللاھ تائالا سۈرە ئەنكەبۇتنىڭ 8- ئايىتىدە: (ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق) دېگەن. ھەم سۈرە تەھرىمنىڭ 6- ئايىتىدە"(ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاقتىن ساقلاڭلار) دېگەن. دېمەك، ئاتىنىڭ بالىسى ئۈستىدە ھەققى بولغىنىدەك. بالىنىڭمۇ ئاتىسى ئۈستىدە ھەققى بار.
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:«ئۇلارنى(يەنى پەرزەنتلەرنى)ئوقۇتۇڭلار ۋە تەربىيەلەڭلار! چۈنكى، ئاللاھ تالا: (ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا، خش-ئەقرىبالىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار)دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: "ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار"دەپ بۇيرىغان» دەيدۇ.
ئاللاھ تائالا پەرزەنتلەرگە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ياخشىلىق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: (كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.)
ئىمام ئىبنى قەييۇم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەر تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگەتمەي، ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى بوشقا ئۆتكۈزۋەتكۈچى تولىمۇ زىيانلىق بىر يامان ئىشنى قىلغان بولىدۇ. ئەۋلادلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان كۆپ ساندىكى ئامىل، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەي تاشلاپ قويغانلىقىدىن، ئۇلارغا دىننىڭ سۈننەت، پەرزلىرىنى بىلدۈرمىگەنلىكىدىن، ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ۋاقىتلىرىنى چىڭ تۇتماي زايا قىلۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا بەزى بالىلار خۇددى ئاتا-ئانىلار ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلىپ، قېرىغاندا ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىغانلىقىغا قاقشاپ شىكايەت قىلغىنىدا: «ئى ئاتا! سەن ماڭا كىچىك ۋاقتىمدا يامانلىق قىلدىڭ، شۇڭا چوڭ بولغاندا ساڭا يامانلىق قىلدىم. سەن مېنىڭ كىچىكلىكىمنى زايا قىلدىڭ. مەن سېنىڭ قېرىلىقىڭدا سېنى زايا قىلدىم» دەپ شىكايەت قىلىدۇ. ھەم ئاتا-ئانىسىغا ۋاپاسىز بولۇپ چوڭ بولۇشىدۇر.
توي قىلىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇش بولسا، قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىدىغان چوڭ مەسئۇلىيەتلەردىندۇر. ئىمام تىرمىزى ئەبۇسەئىد خۇدرى بىلەن ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:«بەندە قىيامەت كۈنى(ھېساب مەيدانىغا)كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا:  "مەن ساڭا قۇلاق، كۆز، مال ۋە ئەۋلاد بەرمىدىممۇ؟ ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى سېنىڭ پايدىلىنىشىڭ ئۈچۈن ياراتمىدىمۇ؟ سېنى چوڭ قىلىپ باشقىلارغا باش بولغۇدەك قىلمىدىممۇ؟ سەن بۇ كۈندە مەن بىلەن ئۇچرىشىدىغىنىڭغا ئىشىنەمتىڭ؟"دەيدۇ. ئۇ بەندە: "ياق"دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا"پانىي دۇنيادا خۇددى سەن مېنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭدەك، ئەمدى مەنمۇ سېنى ئۇنتۇپ قالىمەن"دەيدۇ.» يەنە بىر رىۋايەتتە "مەن سېنى ئۆيلەندۈرمىدىممۇ"دېگەن دەپ بايان قىلىنغان.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ ئەقىل-ئىدراكى زەئىپ، ھېس-تۇيغۇسى ئاجىز بولۇپ قالماسلىقىنى، بالىسىنىڭ ھەقىقىي بىر كېرەكلىك ئىنسان بولۇپ قاتارغا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭ بۇنداق بولۇشىغا كېرەكلىك تەربىيەسىنى بەرمەسلىكىدىنمۇ ئارتۇق مەسئۇلىيەتسىزلىك بولامدۇ؟!
پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرۈش ياكى ھەدىيە قاتارىدا ئاتا قىلىدىغان نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۇ ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۈستىگە ۋاجىپ بولغان بىر ھەقتۇر. ئىمام بۇخارى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ ئۇلارنى ئەبرار يەنى ياخشىلىق قىلغۇچىلار دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئۇلار ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلدى. خۇددى ئاتاڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بولغىنىدەك بالاڭنىڭمۇ ئۈستۈڭدە ھەققى بار."
ئىمام نەسەئى بىلەن ئىبنى ھەبباب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ تائالا ھەربىر پادىچىدىن ئۇنىڭ ماللىرىنى قانداق باققانلىقى ھەققىدە سورايدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن سورايدۇ.» باشقا بىر رىۋايەتتە :«ئاللاھ تائالا ھەربىر مەسئۇل بولغۇچىنى ئۆزى مەسئۇل بولغان نەرسىسىدىن، يەنى ئۇلارغا بولغان مەسئۇلىيىتىدە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يۈرگۈزگەن ياكى يۈرگۈزمىگەنلىكىنى سورايدۇ. ھەتتاكى بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدە ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتىدىن سورايدۇ.»
مەنبە: "ئىسلامدىكى ئەۋلاد تەربىيەسى" دېگەن كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى