ئۆت كىسلاتاسى قىممىتى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-06-28
ئاۋاتلىقى: 653 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سوئال: مەن ھامىلىدار بولغىنى 23 ھەپتە بولغان، ئومۇمىي ئۆت كىسلاتاسىنىڭ قىممىتى 26.6 چىقىپتۇ، نورمال قىممىتى 0-12 ئىكەن.
جاۋاب: گلىكوخولىك كىسلاتاسى‹甘胆酸› قىممىتى بەك يۇقىرى چىقمىغان ئەھۋالدا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىشقا بولىدۇ. ئالدى بىلەن چوقۇم تۇغۇتتىن بۇرۇنقى كۆزىتىش ۋە پەرۋىشنى كۈچەيتىش، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى، ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى، ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىش، قەرەللىك ھالدا گلىكوخولىك كىسلاتاسى‹甘胆酸›قىممىتىنى ئۆلچىتىپ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭيىچە داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.