بېلىق مېيىدىن زەھەرلىنىپ قېلىش توغرىسىدا
يانفوندا كۆرۈش
بېلىق مېيىنىڭ تەركىبىدىكى ۋېتامىن A، ۋېتامىن D راخت كېسىلى، كۆز قۇرغاقلىشىش ۋە نامازشام قارىغۇسى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، لېكىن بېلىق مېيىنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭدىن زەھەرلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەتتە، ئەگەر بالىدا ۋېتامىن Aنىڭ بىر قېتىملىق مىقدارى 300000 خەلقئارا بىرلىكتىن ئېشىپ كەتسە، جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر كۈنلۈك ۋېتامىن D ئىستېمال قىلىش مىقدارى 4000 خەلقئارا بىرلىكتىن ئېشىپ كەتسە، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز نەچچە ئاي داۋاملاشسا،ياكى قايتا-قايتا كۆپ مىقداردىكى ۋېتامىن Dنى مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرسا، ئوخشاشلا زەھەرلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بېلىق مېيىدىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى:
1) باش سۆڭىكى ئىچى بېسىمى يۇقىرى بولۇش: ئالامەتلىرى باش ئاغرىش، ياندۇرۇش، سۆڭەك تۇتىشىش سىزىقى ئاجراپ كېتىش، مېڭە پەردىسى ياللۇغى قاتارلىقلار. بۇنىڭ سەۋەبى ۋېتامىن A باش سۆڭىكى ئىچىدىكى قان تومۇرلىرى چىگىچىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا بىراقلا سۈمۈرەلمەي باش سۆڭىكى ئىچىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېڭە بېسىلىپ باش ئاغرىش، ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2) تېرىدىكى ئۆزگىرىش: تېرە قىچىشىش، ئالقان ۋە تاپاننىڭ تېرىسى سويۇلۇش، ئېغىز گىرۋىكى يېرىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا يۇمشاق توقۇلمىلار باسقاندا قىزارماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
3) جىگەر ۋە تال يوغىناش، قاناش مايىللىقى كۆرۈلىدۇ. تېرىگە بىرلا تەگسە كۆك چۈشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىقى سوزۇلما خاراكتېرلىك ۋېتامىن Aدىن زەھەرلىنىش كېسەللىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
4) بىلەك ئاغرىش، پۇت ئاغرىش، سۆڭەكلەر ئاغرىش، بويۇن ۋە بەل ئومۇرتقىلىرىدا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ساختا سۆڭەك ئۆسمىسىنىڭ ئىپادىسى.
5) چاچ شالاڭلىشىش، ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، قىزىتمىسى ئۆرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.