ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ ھەر قايسى مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى(2)

بوۋاقنىڭ ھەر قايسى مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى(2)

ۋاقتى: 2016-09-14 ئاۋاتلىقى: 819 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2. ئاقسىل
بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ. دەسلەپكى ئالتە ئاي ۋاقىت چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، يېتەرلىك ئاقسىل بىلەن ھەرخىل بەدەن ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتاسىنى تولۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر. دۆلىتىمىز سەھىيە تارماقلىرى بېكىتكەن ئۆلچەمدە بوۋاقلارغا ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 2~4 گرام ئاقسىل تولۇقلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.


1. ياغلار
بوۋاقلار ئېھتىياجلىق بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، مەلۇم مىقداردىكى ياغ بىلەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياغلار مايدا ئېرىشچان ۋېتامىنلارنىڭ سۈمۈرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە خولېستېرىن نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال يېتىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.
بوۋاقلار ھەرخىل ياغ كىسلاتاسى ۋە باشقا ياغلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، يېڭى تۇغۇلغاندا ئىسسىقلىقنىڭ %45 نى ياغلار تەمىنلەيدۇ، ئاي يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بارا-بارا تۆۋەنلەپ %30~40 كە چۈشۈپ قالىدۇ. بوۋاقنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن  زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى كەم بولسا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق ئومۇمىي ئىسسىقلىقنىڭ %1~3تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى