ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇھەببەتنىڭ چېگراسى يوق

مۇھەببەتنىڭ چېگراسى يوق

ۋاقتى: 2016-03-10 ئاۋاتلىقى: 881 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۆھتەرەم بوۋاي ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان نەۋرىسىگە سۆزلەپ بېرىشنى ئويلاپ يۈرگەن تېمىلاردا خېلى ئەتراپلىق سۆزلەپ، بىلقۇتجاننىڭ يادىغا سالغانلىقىدىن، ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە نېمىگە دىققەت قىلىپ، قانداق خىسلەتلەرنى يېتىشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى سەمىگە سالغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان ئىدى.
ـــ بالام بىلقۇتجان، ـــ دېدى بىر كۈنى ئۇ نەۋرىسىنى يېنىغا تارتىپ تۇرۇپ، ـــ ئىنسانلار ئارا دوستلۇق ئورنىتىش ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئىش، ئىنسانىيلىقنى جارى قىلدۇرۇش، ئىنسانىيلىققا ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانىيلىق ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەنە شۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىي مېھىر ــ مۇھەببەتنىڭ چېگراسى يوق. ئادەم ئەنە شۇ پايانسىز مېھىر ـــ مۇھەببەت قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەندىلا، كەلگۈسى دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدۇ. كىشىلەر ئارا زىددىيەت ــ توقۇنۇشلار ئازىيىپ، چۈشىنىش، ئىناقلىق، باراۋەرلىك ئەمەلگە ئاشسا، مېھىر ـ مۇھەببەتمۇ ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرنى بەخت قۇچىقىدا ئەللەيلىتىدۇ. ئەمدى ئىنسانىي مېھىر ـ مۇھەببەت ھەققىدىكى مۇنۇ ھېكايەتكە قۇلاق سال ۋە مېغىزنى چاق!


قەدىمكى زاماندا بىر مۆتىۋەر ئادەمنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇلارنى ھۇزۇرىغا چاقىرىپ كېلىپ:
ـــ ئوغۇللىرىم، سىلەرنى سىناپ كۆرمەكچىمەن. بىر ئاي ساياھەت قىلىڭلار. شۇ بىر ئايلىق ئۆمرۈڭلارنى خەلققە پايدىلىق ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىڭلار. قايسىڭلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە پەزىلەتلىك بولسا، قولۇمدىكى مۇشۇ قىممەتلىك ئۆزۈكۈمنى شۇنىڭغا بېرىمەن،ــ دېدى.
ئوغۇللار ھەرتەرەپكە تارقىلىپ، ساياھەتكە چىقىپ كېتىشتى. بىر ئاي ھەرخىل جايلارنى ساياھەت قىلىپ،  يەنە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلدى. ئاتا چوڭ ئوغۇلدىن سورىدى:
ــ ئوغلۇم، شۇ بىر ئاي ئىچىدە قانداق ئۇلۇغ ۋە پەزىلەتلىك ئىشلارنى قىلدىڭ؟
ـــ جېنىم ئاتا، بىر كۈنى ئۆزۈم يالغۇز بىر باغ كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسام، يول ئۈستىدە بەكمۇ قىممەتلىك بىر ئالماس چۈشۈپ قالغان ئىكەن، ئۇنى دەرھال تېگىشلىك ئەمەلدارغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇلارنىڭ باشلىقى ماڭا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىپ، قولۇمغا مۇشۇ تەقدىرنامىنى يېزىپ بەردى، ئاندىن ئالماسنىڭ ئىگىسىنى تاپتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى. مانا شۇ قىلغان ئىشىم مېنىڭ دۇرۇس ئادەملىكىمنىڭ دەلىلى، بۇ ھەرىكىتىم ئۇلۇغ پەزىلەت ئەمەسمۇ؟ــــ دەپ جاۋاب بەردى ئوغۇل.
ـــ بەكمۇ توغرا قىلىپسەن ئوغلۇم، ۋىجدانىي ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىپسەن. لېكىن، ئۇ ئالماس سېنىڭ خۇسۇسىي مۈلكۈڭ ئەمەستۇ؟ ـــ دېدى ئاتىسى.



ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرانچى ئوغۇل سۆزىگە كىرىشتى:
ـــ مەن بىر كۈنى ئۆستەڭ بويىدا كېتىپ باراتتىم، شۇ چاغدا بىر كىچىك بالا سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. دەرھال ئۆزۈمنى سۇغا تاشلاپ، مىڭ بىر مۇشەققەت بىلەن بالىنى سودىن قوتۇلدۇرۇپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئاتا ــ ئانىسىغا سالامەت تاپشۇرۇپ بەردىم. ئاتا ـ ئانىسى مەندىن مىننەتدار بولۇپ، كۆپ رەھمەت ئېيىتتى. ھاياتىم خەۋپ ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، كىچىك بالىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان شۇ ھەرىكىتىم بىلەن مۇكاپاتىڭىزغا لايىق بولسام كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
ئاتىسى ئوتتۇرانچى ئوغۇلنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
ـــ ئاپىرىن ئوغلۇم، سېنى تەبرىكلەيمەن. شۇ ئىشنىڭ تۈپەيلى قەلبىڭنىڭ زوق ــ شوق بىلەن تولغانلىقىنى ئۆزۈڭ ھېس قىلغانسەن. مانا شۇنىڭ چوڭ مۇكاپات ئەمەسمۇ؟ ـــ دېدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن كىچىك ئوغۇل ئاتىسىغا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ ئىيتتى:
ــ جېىنىم ئاتا، ماڭا دائىم دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ، يامانلىق ئويلاپ يۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ دائىم پېيىمدە يۈرۈپ، مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتەتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ تىك يار ياقسىدا ئۇخلاپ ياتقانلىقىنى كۆردۈم، ئەگەر قاتتىقراق توۋلاپ ئويغىتىلسا، چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ يارغا غۇلاپ چۈشۈشى مۇمكىن ئىدى. مەن تاۋۇش چىقارماستىن ئاستا مېڭىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئېھتىيات بىلەن ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆز تەرىپىمگە ئاستا تارتىشقا باشلىدىم. ئۇ ياردىن يىراقلىشىپ خەۋىپتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، روھىم كۆتۈرۈلۈپ خۇشاللىق بىلەن يولۇمنى داۋام قىلدىم.
ئاتىسى كىچىك ئوغلىنىڭ ئالىيجانابلىقىدىن شادلىنىپ كۆزىگە ياش ئالدى، ئۇنى قۇچاقلاپ يۈز ـ كۆزىگە سۆيۈپ:
ـــ ئوغلۇم، دائىم ئامان بول، ئۆمرۈڭ ئۇزاق بولسۇن. مۇكاپاتنى ئېلىشقا سەن لايىق. چۈنكى، دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ پەزىلەت يامانلىققا ياخشىلىق قىلىشتۇر، ــ دەپ قىممەتلىك ئۈزۈكنى كىچىك ئوغلىنىڭ بارمىقىغا سېلىپ قويدى.
ـــ دېمەك، ئەي جېنىم بالام،ـــ دېدى بوۋاي ھېكايەتنى چۈشەندۈرۈپ، ـــ ئىنسانىي مېھىر ــ مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى ئەنە شۇ چەك ــ چېگراسىز مۇھەببەت ئوتىنىڭ رىغبىتى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى دۈشمەنلىك دوستلۇققا، مۇھەببەتكە ئۆزگىرىدۇ ـــ دە، بۇ دۇنيا تېخىمۇ شاد ــ خۇراملىققا، بەخىت ــ سائادەتكە ۋە گۈزەللىكە تولىدۇ.

مەنبە: "پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى