بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(2)
يانفوندا كۆرۈش
1. سىنىك
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: تىلنىڭ تەم سەزگۈسى چىكىنىدۇ، دائىم نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ۋە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان ساقايمايدۇ. ئېغىر دەرىجىدە سىنىك كەم بولغان بولغان بوۋاقلاردا غەيرىي نەرسىلەرنى يەۋالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: بوۋاققا تەركىبىدە سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، ئويسىتېر قۇلۇلىسى، ئورۇق گۆش، ھايۋانات جىگىرى، بېلىق تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم، سېرىق پۇرچاق، كۆممىقوناق، سۆك، يېسسى پۇرچاق، بەرەڭگە، كاۋا، يېسىۋىلەك، تۇرۇپ، موگۇ، پىدىگەن، ياڭاق، قارىغاي ئۇرۇقى، ئاپلىسىن، لىمون قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈش كېرەك.
2. يود
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: ئۆگىنىش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ، سەمىرىپ كېتىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە يود مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەردىن لامىنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى( زىسەي)، يېڭى تاسما بېلىق، دېڭىز قۇلۇلىسى، مېدىيە قۇلۇلىسى، دېڭىز ئادەمگىياھى، دېڭىز راكى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.