ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇلدا بېلىق مېيى ئىستېمال قىلدۇرۇش

بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇلدا بېلىق مېيى ئىستېمال قىلدۇرۇش

ۋاقتى: 2016-05-29 ئاۋاتلىقى: 635 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېلىق مېيىنىڭ تەركىبى قىسمى ۋە رولى: بېلىق مېيىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مايدا ئېرىشچان ۋېتامىن A ۋە ۋېتامىن D .
ۋېتامىن A: ئاساسلىق رولى بەدەننىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كۆپىيىش ئەزالىرى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئېپىتېلىيە توقۇلمىلىرىنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدۇ، شۇنداقلا يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرىدۇ. ۋېتامىن A كەملەپ كەتكەندە، بوۋاقلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يېتىلىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، چىش ئىمال ماددىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، چىشنىڭ ساقلىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئېپىتېلىيە توقۇلمىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى زىيانغا ئۇچراپ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، نەپەس يولى، ھەزىم قىلىش يولى ۋە سۈيدۈك يولىنىڭ ئاسان يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ۋېتامىن D: ئاساسلىق رولى كىچىك ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ كالتىسىي ۋە فوسفورنى سۈمۈرۈشىنى، شۇنداقلا بۆرەك نەيچىلىرىنىڭ كالتىسىينى قايتا سۈمۈرۈۋېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋېتامىن D كەملەپ كەتكەندە، كالتىسىي ۋە فوسفورنىڭ ئۈچەيدىن قوبۇل قىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ، سۆڭەك ماددىلىرىنىڭ كالتىسىيلىشىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، راخت كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ئالامەتلىرى بولسا، ئاسان چۆچۈش، كۆپ تەرلەش، ئىچى تىتىلداش ۋە سۆڭەكنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇش قاتارلىقلار.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، ۋېتامىن A ۋە ۋېتامىن D ئاساسلىقى ھايۋانات جىگىرىدە، شۇنداقلا سەي-كۆكتاتلار تەركىبىدە ئەڭ مول بولۇپ، ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىقمۇ ۋېتامىن D تولۇقلىغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بېلىق مېيى ۋېتامىن A، Dلارنىڭ بىردىنبىر كېلىش مەنبەسى ئەمەس.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى