7 ئايلىق بوۋاق تېنىنىڭ ئىقتىدار يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2016-02-27
ئاۋاتلىقى: 534 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
7 ئايلىق بوۋاق تېنىنىڭ ئىقتىدار يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ئىككى قولى بىلەن چوڭراق نەرسىلەرنى تۇتالايدۇ، ئىككى قولى دەسلەپكى قەدەمدىكى ماسلىشىشنى باشلىغان بولىدۇ. نەرسىلەرنى تېخىمۇ دەل تۇتىدىغان بولىدۇ، ئاتا-ئانىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بىر نەرسىنى بىر قولىدىن يەنە بىر قولىغا يۆتكەپ ئوينايدۇ، بۇمۇ خېلى چوڭ ئىلگىرلەش ھېسابلىنىدۇ. قولى بىلەن سۈت پاراشوكى بوتۇلكىسىنى ئېلىپ، ئېغىزىغا ئاپىرىپ شوراشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى تاماق يېيىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولىدۇ. خاپا بوپ قالغاندا، قولىدىكى نەرسىنى ياقتۇرمىغىنىدا ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ، يەنى ئۆزى تاللاشنى باشلايدۇ.