ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنىڭ دىققىتىنى مەركەرزەشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ھەم ئۇنىڭ تەرەققى قىلىشى(3)

بوۋاقلارنىڭ دىققىتىنى مەركەرزەشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ھەم ئۇنىڭ تەرەققى قىلىشى(3)

ۋاقتى: 2016-06-12 ئاۋاتلىقى: 626 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 بوۋاقلارنىڭ دىققىتىنى مەركەرزەشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ھەم ئۇنىڭ تەرەققى قىلىشى(3)

بوۋاقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى مەشىق قىلدۇرۇش

«قەيەردە قىزىقتۇرۇش بولمىسا، شۇ يەردە ئەسلىمە بولمايدۇ»گىدىنىڭ بۇ گىپىدە دەل بوۋاقلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئالاھىدىلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  ئەقىللىق ئاتا ئانىلار ھەرگىزمۇ بوۋاقنى ئۇنى بۇنى ئىسىدە تۇتۇشقا مەجبۇر قىلمايدۇ.  بەلكى بوۋاقنىڭ ئويۇن ئويناش جەريانىدا ئۆگىنىشىنى خالايدۇ.  ئويۇن ئويناش جەريانىدا ئەستە ساقلاش بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش كۈچىنىڭ ئىچىلىش ئويغىنىش باسقۇچى، ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماڭ.  

رېتىم

رېتىمدا تىل ھەرگىزمۇ ئورنىنى باسالمايدىغان كۈچ بار.  رېتىم بولسا بوۋاقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يوللىرىدىن بىرى.   رېتىم بولۇپمۇ بوۋاقنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.  ئاتا-ئانىلار بالا بىلەن پاراڭلاشقاندا بىر قەدەر ئاسانراق ھېكايىلەرنى، ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىرىنى رېتىملىق قىلىپ تەھرىرلەپ ناخشا ئارقىلىق ئىيتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.  يەنە ناخشىنى ئوخشىمىغان رېتىمغا سېلىپ بىر تەرەپتىن ئىيتقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل ئويناپ بەرسىمۇ بولىدۇ.  بۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋاقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە پايدىلىق.  بوۋاق بولسا تۇغما رېتىم سېزىمىغا ئىگە بولىدۇ.  0 ياشتىن بىر ياشقىچە بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا، ئىقتىدارىنى ئىپادىلەش ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ساقلىنىدۇ، رېتىم تىخىمۇ مۇھىم.  

0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار

بوۋاق تۇغما رىتىم سىزىمىغا ئىگە بولىدۇ، بوۋاققا ناخشا ئىيتىپ بىرىش بوۋاقنىڭ تونۇش دەرىجىسىنى ھەم ھېسسىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.  تېرىككەن ياكى ئاچچىقلىنىپ قالغان بوۋاق تونۇش رېتىمنى ئاڭلىغان چاغدا شۇ ھامان جىمىپ قالىدۇ.  مانا بۇ بوۋاقنىڭ دەسلەپكى ئەستە تۇتۇشىنىڭ باشلىنىشى.  
6 ئايدىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار

ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ ئاۋازى ناخشىغا ئوخشاشلا يىقىملىق، ھەر كۈنى تەكرار-تەكرار غىدىقلىنىش ئاستىدا، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاق ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ مەسىلەن: دادىسى، ئاپىسى ، بوۋا-مومىسىنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئاۋازىنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلەيدۇ.  ئۇلار ھەرخىل ئاۋازلىق ئويۇنچۇقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، يىنىدىكى ئاۋازلىق ئويۇنچۇقلار چىقارغان ئاۋازلارنى ھېس قىلغىنىدا خۇشال بولۇپ كىتىدۇ.  

كىتاپ كۆرۈش، رەسىم كۆرۈش

چوڭ مېڭىگە كىرگەن ئۇچۇرلار ئارىسىدا، كۆرۈش سىزىمى﹪83 نى ئىگەللەيدۇ.  كۆرۈش كۈچى بولسا ئەستە تۇتۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى.  بوۋاققا كۆپرەك رەسىملەرنى كۆرسىتىش كېرەك، ئۇلار كۆرگەن نەرسىلەرنى مۇلاھىزە، ئويلىنىش قىلمايلا ئېنىق قىلىپ مېڭىسىگە خاتىرلىۋالىدۇ، بۇ مىڭىگە مۇستەھكەم بولۇپ ئورناپ قالىدۇ.  يەنى بوۋاقنىڭ كۆرگەن نەرسىسىنىڭ كۆپىيىشىگە، موللىشىغا ئەگىشىپ، مېڭىدىكى نۇر سېزىشچان لېنتا بارغانسىرى سۈزۈكلىشىپ، توغرىلىق دەرىجىسى كۈچىيىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى شۇنچە كۈچىيىدۇ.  

6~`0 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار 

كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ پەرق قىلىش باسقۇچى، بوۋاقنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن 15 سانتىمېتىر يىراقلىقتا قىزىل رەڭلىك توپنى ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا كۆرۈش سەزگۈسىنى ھەركەتلەندۈرۈشنى ئۆگىتىش، كۆرۈش سېزىمىنىڭ ئەستە ساقلىشىنى ئۆگىتىشكە باشلاش كىرەك.  

12~6 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار 

بۇ مەزگىلدە، بوۋاق نۇرغۇن رەڭلەرنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ، سىز رەڭگى ئوچۇق،  قوڭغۇراقلىق ئويۇنچۇقلارنى بوۋاقنىڭ كۆز ئالدىدا ھەرىكەتلەندۈرسىڭىز بولىدۇ.  بۇنداق قىلىشنىڭ بوۋاقنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە ھەم چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى ياخشى بولغان غىدىقلاش رولى بولىدۇ.  سىز ئوخشاش رەڭلىك ئويۇنچۇقلارنى سىزىپ،  بوۋاققا ئۇلارنىڭ رەڭگىنى ئىسىدە تۇتقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن، ئويۇنچۇقلارنى قالايمىقان قىلىۋېتىپ، بوۋاقنىڭ قايتا تىزىشىغا قويۇپ بىرىشىڭىز كېرەك.  

ھېكايە سۆزلەپ بىرىش، ھېكايە ئورۇنداپ بىرىش(رول ئېلىپ)

ئەگەر ئاتا-ئانا بوۋاققا زورمۇ-زور سۆز، شېئېرلارنى ئۆگەتكەندە، بوۋاقنى زېرىكتۈرۈپ قويۇپلا قالماستىن يەنە بوۋاقنىڭ ئەستە ساقلىشىمۇ تەس بولىدۇ. 
 
6~0 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار

دەسلەپكى مەزگىلدە كىتاپ ئوقۇش ئاللىقاچان يەر شارى خاراكتېرلىق يۈزلىنىش بولۇپ قالدى.  كىتاپ ئوقۇشنى 0 ياشتىن باشلاش، ھەر كۈنى كەچتە بوۋاققا بىر پارچە ھېكايە ئوقۇپ بېرىش كىرەك.  تەكرار ئوقۇپ بىرىش بوۋاقنىڭ ئەستە ساقلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا ئائىلە باشلىقلىرى بوۋاق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك.  كۈچىنىڭ يېتىشىچە نېمىنى كۆرگەن بولسا، نېمە ئىش قىلىۋاتقان بولسا شۇنى بوۋاققا دەپ بېرىشى كىرەك.  مەسىلەن، بوۋاقنىڭ سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرغاندا، ئۇنىڭغا: «قوزام، سۈيدۈك لاتاڭنى ئالماشتۇرۇپ قوياي-ھە» دىيىشىمىز كىرەك.
  
12~6 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار

بوۋاققا مەلۇم بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىر پارچە رەسىمنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە ھايۋاناتلارنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىش، رەسىمنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كىيىن رەسىمنى ئېلىۋىتىپ بوۋاققا رەسىمدە قايسى ھايۋاناتلارنىڭ بارلىقىنى دېگۈزۈش كىرەك.  مەسىلەن، ياۋايى ھايۋاندىن نەچچىسى بار دىگەندەك، بۇنداق بولغاندا، ئەستە ساقلىشى تېزراق بولىدۇ.

ساياھەتكە ئاپىرىش 

ساياھەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەلۇم ۋاقىتلارنى ئەسلىتىش، بوۋاقنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر ئۇسۇلى.  ئۆي ئىچىدە ئويناپ زېرىككەن بوۋاققا نىسبەتەن، ساياھەت ئۇنىڭ دىققىتىنى بەكرەك جەلپ قىلىدۇ، ئۇ بوۋاقنىڭ تەن ساپاسىنى ھەم ئىرادىسىنى چىنىقتۇرۇپلا قالماستىن يەنە بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ھەم ئىمونىت ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  جانلىق تەسىرلىك بولغان ساياھەت ھېكايىلىرى بوۋاقتا گۈزەل ھەم ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، بوۋاقنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاستا-ئاستا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.  

3 ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغان بوۋاقلار 

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن تاشقى دۇنياغا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان قىزىقىش بولىدۇ.  ئەمما بوۋاق بەك كىچىك بولغاچقا ئاتا-ئانا بوۋاقنى پەقەت ئولتۇراق رايون قورولىرىغا ياكى يېقىن ئەتراپتىكى باغچىلارغا ئېلىپ بارىدۇ.  ئەمما سىز ئۇنىڭغا بۇ قۇچقاچ،  ئاۋۇ بولسا كىچىك كۆل .  .  .  دېگەنلەرنى دەپ بىرىشىڭىز كىرەك.  بوۋاق كۆزەتكەن،  ھېس قىلغان ئىش شەئىيلەر كۆپەيگەنسىرى ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ساقلىغان ئۇچۇرلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى