ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(4)

5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(4)

ۋاقتى: 2016-06-22 ئاۋاتلىقى: 531 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 5 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى(4)

بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ھەرىكىتى
                                                             
بوۋاق بەش ئايلىق بولدى، نېملەرنى بىلىدۇ؟ قانداق ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ؟ گەرچە ھەربىر بوۋاقنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىدا پەرق بولسىمۇ، لېكىن ئوموملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، بەش ئايلىق بوۋاق تۆۋەندىكىدەك ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ:
 ئولتۇرۇش، بۇ بوۋاقنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى ئەڭ چوڭ ئىلگىرلىشى ھېسابلىنىدۇ، بوۋاقنىڭ  دۈمبە قىسمى بىلەن بويۇن قىسمىنىڭ موسكۇللىرىنىڭ كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ، ھەمدە باش ، بويۇن، گەۋدە قىسمىنىڭ تەڭپۇڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئۇ 《ئولتۇرۇشتىن》 ئىبارەت بۇ قەدەمنى ئېلىشقا باشلايدۇ، ئالدى بىلەن ئۇ دۈم ياتقان ۋاقىتىدا بېشىنى كۆتۈرۈشنى ھەمدە شۇ قىياپىتىنى ئۆگىنىشى كىرەك، سىز ئۇنى ياتقۇزۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا قوڭغۇراق ياكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئويۇنچۇقنى قويۇپ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇنى بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالەتنى ساقلاپ ھەمدە سىزگە قاراپ تۇرۇشقا يىتەكلىسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەنە بوۋاقنىڭ كۆرۈش ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناشتىكى ياخشى ئۇسۇل. بۇ مەزگىلدە ئۇ قولى بىلەن قىزىققان نەرسىلەرنى ئاغزىغا سالالايدۇ، كارىۋاتتا دۈم يېتىپ ئىككى قولى بىلەن بەدىنىنى تىرىيەلەيدۇ، يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويسا ئۆزى بىرئاز ئولتۇرالايدۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا ئىككى قولىنى قويۇپ تىرىۋالىدۇ، نەرسىلەرنى ئالغاندا ئىككى قولى بىلەن ئەمەس بەلكى بىر قولى بىلەن ئالالايدىغان بولىدۇ.
                                  
ئۆرۈلۈش: ئاسمانغا قاراپ ياتقان ھالىتىدىن دۈم ئۆرۈلەلەيدىغان بولىدۇ، ئاڭلىق ھالدا بېلى بىلەن بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى ھەمدە بېشىنى كۆتۈرەلەيدۇ، لېكىن تېخى دۈم ياتقان ھالىتىدىن يانتۇ ياتقان ياكى ئاسمانغا قاراپ ياتقان ھالىتىگە ئۆرۈلەلمەيدۇ، شۇڭا ئاتا- ئانا بولغۇچى ھەردائىم بوۋاقنىڭ قېشىدا تۇرۇشى، ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىقى لازىم. چۈنكى بىخەتەرلىك بىرىنجى. ناۋادا بوۋاقنىڭ ئېغىز بۇرۇن ئەتراپىدىكى بىرەر نەرسە بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىشىنى توسۇۋالسا، ئۇ چاغدا بەك خەتەرلىك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى