ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن ئاقسىلنىڭ مۇناسىۋىتى
ۋاقتى: 2016-03-24
ئاۋاتلىقى: 555 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن ئاقسىلنىڭ مۇناسىۋىتى
ئاقسىل بولسا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ بىرى. بەدەندىكى ھەرخىل فىزولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددىلارنى تۈزگۈچى تەركىب.
ئامىنو كىسلاتاسى بولسا ئاقسىلنى تۈزگۈچى تەركىب. ئۇ ئوخشاش بولمىغان تەرتىپ ۋە تۈزۈلۈشتە ئوخشاش بولمىغان ئاقسىلنى تۈزىدۇ. يېمەكلىك ئاقسىلىنىڭ سۈپىتىمۇ ئۇنىڭدىكى زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ئادەتتە،ئاقسىلنى تۈزگۈچى ئامىنو كىسلاتاسى كېلىش يولى ئىككى خىل بولىدۇ:
1.بەدەن ئىچىدە سېنتىزلىنىش. بۇ خىل ئامىنو كىسلاتاسى مىتابولىزىم ئارقىلىق باشقا ماددىلاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.
2.يېمەكلىكتىن كەلگەن. بۇ خىل ئامىنو كىسلاتا بولسا يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىل ئاشقازان ئۈچەيدە ھەزىم بولغاندىن كېيىن ئامىنو كىسلاتاغا پارچىلىنىدۇ. قانغا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن بەدەندىكى ئاقسىلنىڭ سېنتىزلىنىشىگە قاتنىشىدۇ.