بوۋاقلار بەدەن لۆڭگىسىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى
ۋاقتى: 2015-05-08
ئاۋاتلىقى: 602 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلار بەدەن لۆڭگىسىنى سېتىۋېلىش بىلىملىرى
قېلىن، يېنىك بولغان بوۋاقلار بەدەن لۆڭگىسىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، بەدەننى ئورىغاندا يۇمشاق. ئەگەر لۆڭگە بەك ئېغىر بولسا، يۇيغاندا ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ، ئۇۋلاش تەس، قۇرۇتماقمۇ تەس.
ئاددىي بىراق نەپس بولغان بوۋاقلار لۆڭگىسىنى ياسىغاندا بوياق ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەگەر ئىشلەتكەن بولسا، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى لۆڭگىنى تاللاش كېرەك.
بەدەن لۆڭگىسىنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئىشلىنىشى ۋە تاۋار ماركىسىغا يوشۇرۇن بىر تەرەپ قىلىندىمۇ-يوق دېگەنگە قاراپلا سىز ياقتۇرغان بۇ بەدەن لۆڭگىسىنىڭ نەپس ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ .
چۈنكى بوۋاقلار بەدەن لۆڭگىسىنى دائىم يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا دېزىنفىكسىيە قىلىش، يۇيۇپ تۇرۇش زۆرۈر بولغانلىقتىن ، ئىسسىققا چىداملىق ئۆسۈملۈك تالاسىدىن ياسالغان بوۋاقلار بەدەن لۆڭگىسىنى تاللاش كىرەك.
پاختا رەخت ۋە پاختا يىپتىن تىكىلگەن بوۋاقلار بەدەن لۆڭگىسىنى سېتىۋالغان ئەڭ ياخشى، پاختا رەختلىك لۆڭگىنى ئاساس قىلىش كېرەك . چۈنكى پاختا رەختلىك بەدەن لۆڭگىسى تېخى بوۋاقلارنىڭ يېپىنچىسى ۋە سېلىنچىسى بولالايدۇ، كۆپ جەھەتلەردە ئىشلەيدۇ.
ئادەتتە 6-8 تال بوۋاقلار بەدەن لۆڭگىسى بولسا بولىدۇ. 2 تالنى يۇيۇنغاندا ئىشلىتىش، 2 تالنى يېپىنچا قىلىش، 2 تالنى سېلىنچا قىلىش.