ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى(1)

بالىلاردىكى ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى(1)

ۋاقتى: 2013-11-10 ئاۋاتلىقى: 661 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
ئېغىر دەرىجىدىكى:
 يەنەcooley  دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كېسەل بوۋاق تۇغۇلغان چاغدا كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ،3-12 ئاي ئەتراپىدا كېسەل كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كەمقانلىق، چىراي تاتىرىش، جىگەر-تال يوغىناپ قېلىش، يېتىلىشى نورمال بولماسلىق، يېنىك دەرىجىدىكى سېرىقلىق قاتارلىق ئالامەتلەر  پەيدا بولۇشقا باشلاپ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ  تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. يىلىك       كومپېنساتسىيىلىك ئۆسۈش نەتىجىسىدە سۆڭەك  چوڭىيىدۇ، يىلىك بوشلۇقى كېڭىيىپ كېتىدۇ. ئالدى بىلەن ئالىقان، ئۇزۇن سۆڭەك، قوۋۇرغا قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.بىر ياشتىن كېيىن باش سۆڭىكىنىڭ ئۆزگىرىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، باش سۆڭىكى چوڭىيىدۇ، پېشانە، مەڭز سۆڭىكى پۇلتىيىپ چىقىدۇ،  قاڭشار ئولتۇرۇشۇپ، ئىككى كۆزنىڭ ئارىلىقى كېڭىيىپ ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنىڭ ئالاھىدە چىراي ئىپادىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كېسەل بالىدا كۆپىنچە ئۆپكە ياللۇغى ياكى كاناي ياللۇغى ئەگەشمە كېسەللىكى بولىدۇ. گائېموزىدېروزىيە ئەگەشمە كېسەللىكى بىرگە يۈز بەرگەندە كۆپ مىقداردىكى گېموسىدېرىن يۈرەك مۇسكۇلى ۋە جىگەر، ئاشقان ئاستى بېزى، گىپوفىز قاتارلىق ئەزالاردا جۇغلىنىپ بۇ ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ نورمالسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىرى بولسا يۈرەك زەئىپلىشىش بولۇپ يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ۋە تۆمۈرنىڭ يۈرەكتە جۇغلىنىپ قېلىشى سەۋەبىدىن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زىيانغا ئۇچراشنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ، ۋە بالىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ ئەگەر داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا كۆپىنچە  5 ياشتىن بۇرۇن  ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش:  قان تەسۋىرى كىچىك ھۈجەيرىلىك تۆۋەن پىگمېنتلىق  كەم قانلىق بولۇپ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، مەركىزىدىكى سۇس بويىلىدىغان رايون كېڭىيىدۇ،  قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ شەكلىدە بىنورماللىق كۆرۈلۈپ نىشان تاختىسى شەكىللىك، پارچىلىنىپ كەتكەن، يادرولۇق، ھەسەن-ھۈسەن شەكىللىك كۆپ خىل ھۈجەيرە بوياش سۇيۇقلۇقىدا بويىلىدىغان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى،  ھاۋ-جۇش تەنچىسى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. تورلۇق قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى سانى نورمال ياكى يۇقىرى چىقىدۇ. يىلىك تەسۋىرىدە قىزىل قان سىستېمىسىنىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر تىز بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى دەۋردىكى گۆدەك قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى كۆپ سالماقنى ئىگىلەپ، يېتىلگەن قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى قان-تونۇردىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوسموسلۇق چۈرۈكلۈكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولىدۇ. HBF نىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، كۆپىنچە 0.4 تىن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ ئېغىر دەرىجىدىكىβ تىپلىق ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىگە دىياگنوز قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. باش سۆڭىكىنىڭ  X نۇرى تاختىسىدا باش سۆڭىكىنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى تاختىسىنىڭ نېپىزلاپ، كۆنەكسىمان توسمىسىنىڭ قېلىنلاپ كەتكەنلىكىنى، سۆڭەك پوستلاق ماددىسى ئارىسىدا تىك ھالەتتە سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنىڭ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى  كۆرۈشكە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى